بۆرىنىڭ تاشقا ئايلىنىشى

مەن ئاچ بۆرىگە ئايلاندىم
كۆكتە يۇلتۇز ھۇۋلايدۇ
بىرى ئاقسا بىرى ئۇلايدۇ.
شامالدا يايلامنى تارىغاچ
ساڭا سەپ سالدىم .

يېىشىل ياقۇت قۇم ئۈستىدىكى
چېچىلغان، ئۇلانغان
ھەممىمىز بۆرە ئەۋلادى
چېپىلغان، ئېتىلغان.
قېلىچ ئاستىدىن كۆكلىگەن
ئات ئۈستىدە ئۈنگەن.
ئەركەك ئات تۇيىقى
لىغىرلىغان يايلاقلار
دەشتلەر
قۇملۇقلار
يۇمشاق قىز بەدەن
بويسۇندۇرۇلغۇچى.
ئۆز پادىشاھىنىڭ كاللسىنى كېسىپ ئەكەلگۈچى
ئۆز قىزىنى تەقدىم ئەتكۈچى
يالىڭاچ قالغان توقۇمىچى
تاقىسىز ئاتنىڭ ئېگىسى تۆمۈرچى
خاقان مەي ئىچكەندە
ئات كىشنىگەندە
بۆرە تەپتىدە.

__ بۆرىنى ئۆلتۈرۈڭلار!
__ مىلتىق!
__ چاپ!
__ يا، جەمشىت!!(ئوشۇق)
__ تەلەيلىك بول ئوغلۇم!
__ كۆز تەگمىسۇن!
__ قوينى كۆپەيتىش ئۈچۈن بۆرىنى يوقىتىش كېرەك!
__ قوينى كۆپەيتىش ئۈچۈن بۆرىنى قوغداش كېرەك!!
__ يايلاقنى كېسەل باستى
__ قىزلىق پەردىسى يىرتىلدى ئېكولوگىيىنىڭ!
__ ئىنسانلار، ئاگاھ بولۇڭلار!!
..............................
__ئوغۇزخان كۆك بۆرىنى كۆردى؟!
....................................
___ ئەلقىسسە،
كۆك يايلىلىق ئەركەك بۆرە باشلاپ ماڭماقتا....
باشلاپ ماڭماقتا،
<<بېشى بارلارنى باش ئەگدۈرۈپ، تىزى بارلارنى تىزلاندۇردۇق.>>


توققۇز ياشلىق بىر بۆرە
رىۋايەت ئوقۇماقتا......
ئوقۇماقتا
ھەرپلەرنىڭ ئىزناسى چوڭقۇر.
ئوقۇماقتا
شارىلداپ غۇر-غۇر
چۈنكى ئۇ رىۋايەتكە ئايلانغان
ئۇ چوقۇم تاشقا ئايلانغان
تارىم بويىدا
توغراقتەك
ئويغاقتەك