ئابدۇقادىر داموللا

ئابدۇقادىر داموللا

(تارىخىي ئوچېرك)

خېۋىر تۆمۈر


1

قەشقەر!… 1920-يىلنىڭ قىشلىقى، ئاسماننى تۇمان قاپلىغان، قۇياش خۇددى پەردە ئارقىسىدا يانغان شامدەك غۇۋا كۆرۈنمەكتە. شەھەرنى قەھرىتان سوغۇق قاپلىغان. رەستە كوچىلىرى ئادەت بويىچە ھەر ئەتىگەنلىكى سۈپۈرۈلۈپ تازىلانغاندىن كېيىن نېپىز سۇ چېچىلغانلىقى ئۈچۈن بىر قەۋەت مۇز قاتقان ئىدى. ئەنجان رەستىسى ۋە باشقا كوچىلاردىكى ھەرقايسى دۇكاندارلار بەقەسەم تون ياكى چەكمەن چاپانلىرىغا سىپتە ئورۇنۇپ ئولتۇرۇپ، كىچىككىنە سەندەلدىكى يالقۇنجاپ تۇرغان چوغنى سۇنۇپ، تەسۋىي تارتقان قوللىرىنى پات-پات ئىسسىتىپ، چوغلارنى توزىتىپ قوياتتى. ئاشپۇزۇللاردىن قويۇق ھور پۇرقۇراپ تۇراتتى. ئاشپەزلەرنىڭ خېرىدار چىللىغان ئاۋازلىرى، قاسقان ئاچقان ياكى تەخسىگە مانتا سانىغان ۋارقىراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كوچىدا ئادەم ئۆكسۈمەي ئۇيان-بۇيان ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. تولا ئادەملەر چەكمەن چاپاننى بولۇشىچە چىڭ يۆگەپ ئىڭىكىنى مەيدىسىگە تىقىپ، بىر مۈرىسىنى ئىگىز، بىر مۈرىسىنى پەس قىلىپ، خۇددى سىڭايان ماڭغاندەك ئىلدام ئۆتۈپ تۇراتتى. بۇرنىدىن پوتلىسى چىقىپ تۇرغان بالىلارمۇ، چۇرۇقلىشىپ ئازغىنە غىلتاڭ مۇزنى كۆرسە، شۇ ئانلا ناھال قويۇپ يېيىلىپ ئۆتۈشەتتى. ئارىلاپ سارايلاردىن ماتا-چەكمەن تايلىرىنى كۆتۈرگەن ھامماللار يۈكنىڭ ئېغىرلىقىدىن مۈكچىيىپ ئاستا قەدەم تاشلاپ ئۆتەتتى. ھېلى ئۇ، ھېلى بۇ كۆلدىن سۇ ئېلىپ كەلگەن سوغىچىلار بىرەر تېمىم سۇنىمۇ يەرگە تۆكمەستىن، توختاملاشقان ئۆيلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇ كوچىدىن چىقىپ بۇ كوچىغا ئۆتۈپ كېتەتتى. سوغۇقتىن دۇغدايمايدىغان، ئۇچىسىغا، بەقەسەم ياكى ئاۋات چەكمىنىدىن تىكىلگەن سىپتە تون، بېشىغا كەمچەت ياكى قاما تۇماق كىيىدىغان باي ۋە بايۋەچچىلەر شالاڭ كۆرۈنەتتى. ئومۇمەن ئاددىي چەكمەن كىيگەن يېلىڭ-يوپۇق ئادەملەر تولا ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە چاپاننىڭ پېشىنى كۆيدۈرۈپ قويغان، سوغۇقتا چاپاننى چىڭ يۆگەپ، قولتۇقىنى يىرتىپ مازلىرىنى چۇۋۇپ قويغان دوغدايغۇچىلار تېخىمۇ تولا ئىدى. كىشىلەرنىڭ تولىسى قاسقان تۇماق كىيەتتى. كۆك موۋۇت تاشلىق قەشەر تۇمىقى كىيگەن كىشىلەر شالاڭ كۆرۈنەتتى…. قەشقەر قانداقلا بولمىسۇن نوچى شەھەر ئىدى. قەھرىتان سوغۇققا قارىماستىن تۈمەن بويلىرىدا، يۇمۇلاق شەھەر كۆلىدە، تۇرۇمتاي كۆللىرىدە ياشلار ناھال قويۇپ مۇز تېيىلىپ ئاجايىپ پىگۇرا چىقىرىپ ئويۇن قىلاتتى. قەشقەر ھەۋەسكار شەھەر. ناۋايخانىلاردا، تونۇر بېشىدا، جاراڭلىغان راۋاب سادالىرى قۇلاقنى ياراتتى. شەھەرنىڭ ھاممام كوچىسىدا بىر توپ جېنى چىڭ، تېخىمۇ نوچى بالىلار بار ئىدى. بۇ بالىلارنىڭ ئۇچىسى يېرىم يالىڭاچ، پۇتلىرى يالاڭغىداق ئىدى. بۇلار سوغۇقتىن قورقمايتتى. ئەمما ھاممام كۈلخانىسىنى تولاراق چۆرگىلەيتتى. “قەشقەردە ياش باللا ھاممام ئاستىدا كۈلدە ياتۇرلار” … … بۇ مىسرا شېئىر تارىخىي يىللاردىن بۇيان ماتېرىيال سۈپىتىدە تىلدىن-تىلغا كۆچۈپ ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ مىسرا تولاراق ھاممام كۈلخانىسىنى ماكان تۇتقان ئاشۇ بالىلارنىڭ ئەمەلىي ھاياتىدىن تىزىلغان تارىخىي مەرۋايىت بولۇشى كېرەك. بۇ بىر توپ بالىلارنىڭ باش-كۆزلىرى كۈلگە بۇلغانغان، چاچلىرى پىتىلە بولۇپ بولۇپ گەدەنلىرىنى ياپقان، قوللىرى قاسماق، كىرلەشكەن، ئەمما كۆزلىرى قۇمچاقتەك ئويناپ تۇرىدىغان جېنى چىڭ بالىلار ئىدى. بۇ بالىلار زېرىكسە بىر-بىرىنى كۈلگە بېسىشىپ ئوينايتتى. قورساق ئاچقاندا، يۈگۈرۈپ بېرىپ ناۋايخانا، ئاشخانىلاردىن تىلەمچىلىك قىلىپ، تاپقان نەرسىسىنى يەپ قورساق تويغۇزاتتى. كېچىسى ھاممام كۈلخانىسىنى ماكان قىلاتتى. قەھرىتان سوغۇقنىڭ يىلاندەك تىللىرى، بۇ بالىلارنىڭ باش-كۆزىنى يالايتتى. يىلاندەك سوغۇق ھەم زەھەرلىك قامچىسىنى دەل شۇ يېتىملەرنىڭ دۈمبىسىدە ئوينىتاتتى. لېكىن بۇ بالىلار بوزەك بولمايتتى. سوغۇققا قارشى تەبىئىي كۈرەش قىلاتتى. ئۆزلىرىنى قەھرىتان سوغۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايتتى. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈنمۇ بۇ بالىلارنىڭ بەدەنلىرى چىڭ، مەڭزلىرى تولۇق ۋە قىپقىزىل ئىدى. كىشىلەر بۇ بالىلارنى كۆرگەندە “توڭ تېزەكتەك چىڭ بالىلار ئىكەن” دەپ ھەيران بولۇپ ئۆتۈپ كېتىشەتتى. شەھەر ئۆز ھاياتى بىلەن داۋام قىلماقتا. بۇ بالىلارمۇ ئۆز يولى بىلەن ياشىماقتا ئىدى. بىر كۈنى بۇ بالىلار كۈلخانىدىن چوغ تېپىپ چوغنى قولدىن-قولغا يۆتكەپ، كىم يىراققا يەتكۈزىدۇ دېيىشىپ، ئەمەلىيەتتىمۇ قولىدىكى چوغنى يىراققا يەتكۈزۈش ئۈچۈن يۈگۈرۈشۈپ شوخ ئوينىشىۋاتاتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا، ئوتتۇرا بوي، يوغان-يالپۇ، كەڭ يەلكىلىك، چاقماقتەك ئۆتكۈر كۆزلۈك، كەكە ساقال بىر ئادەم كېلىپ بۇ بالىلارغا ئېچىنىشلىق نەزەر تاشلىدى ۋە ئاستا قەدەم بېسىپ يېقىنلاپ كەلدى. --- ئەزىز بالىلىرىم، قەدىرلىك بالىلىرىم، جېنىم بالىلىرىم! --- دەيتتى ئۇ كىشى چەكسىز مېھرى بىلەن. --- ئەزىز بالىلىرىم، ھالىڭلار ئۇشبۇ كۈنگە قالغانمۇ؟ بېشىڭلارنى سىلايدىغان كىشىڭلار يوقمۇ؟ ئۆز-ئۆزىدىن سۆزلەپ كېلىۋاتقان كىشىنى كۆرگەن بالىلار دەرھال كۈلخانىگە توپلىشىپ، غۇجھمەكلىشىپ، قۇمچاق كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ قاراپ ئولتۇرۇشاتتى. بۇ كىشى ئۇلارغا يېقىنلاپ سورىدى: --- ئەي ئەزىز پەرزەنتلىرىم نېمە ئۈچۈن بۇ كۈلخانىدە ياتىسىلەر؟ ماكانىڭلار يوقمۇ؟ --- دادا! --- دېدى بالىلاردىن بىرى، --- سوغۇق دېگەن يامان ئىكەن، كۈلگە كىرىۋالدۇق… ---بالا سۆزلەپ بولۇپلا يېنىدىكى بالىلارغا قاراپ تىلىنى چىقاردى. --- توغرا ئېيتتىڭ!... دېدى بۇ كىشى ئېچىنىشلىق ئاھاڭدا، --- سوغۇق دېگەن بۇ دەھشەتلىك مەرەز ئۆز نەشتىرىنى سىلەردەك ئاچ-يالىڭاچلارنىڭ بەدىنىگە سانچىغاندۇر. ئەمدى شۇنى سورايكى ئاتا-ئاناڭلار، ئۆي-ماكانىڭلار يوقمۇ؟ --- ئاتا-ئانىمىز بولسا، ئۆي-ماكانىمىز بولسا بىزمۇ سەندەلگە چىقىپ كىرىپ يوتقاننى يېپىنىپ ئۇخلايتتۇق!... --- بارىكاللا، تېخىمۇ توغرا جاۋاب بەردىڭ! بارىكاللا!... بۇ چاغدا يەنە بىر كوچىدىن بىر تىلەمچى ئايال چۆچۈرىدەك ئۈچ بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ كەلدى. ھەممىنىڭ دىققىتى شۇ تەرەپكە بۇرالدى

پاتىمەمنىڭ كۆڭلەكى، سەكسەن يەردىن ياماقى… … … بۇ كىشى ئايالغا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا قاراپ: --- سىڭلىم!... بالىلىرىڭىز بەك يوپۇڭكەن. سوغۇقتا توڭلاپ قالمىسۇن! --- دەپ ئايالغا يېقىنلاپ بالىلارنىڭ بېشىنى سىلىدى، ۋە: --- بولماپتۇ-بولماپتۇ!... مۇنداق قىلايلى! يۈرۈڭلار، ھەممىڭلار مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىڭلار! مېھمان بولۇڭلار! سىلەرگە ئوت سىندۇرۇپ ئىسسىتاي، تاماق بېرىپ تويۇندۇراي، شۇنداق قىلساق بولامدۇ؟ قۇلىقىغا ئاڭلانغان بۇ گەپلەرنىڭ راست ياكى يالغان ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانغان بالىلار بىر-بىرىگە قارىشىپ جىم تۇرۇشاتتى. بۇ كىشى ئەھۋالنى چۈشىنىپ: --- راست سۆز، مەن بىلەن يۈرۈڭلار، ئۆزۈم باشلاپ بېرىپ مېھمان قىلاي!... --- دېدى. --- بارساق بارايلى، --- دېيىشكەن بالىلار بۇ كىشىگە ئەگىشىپ ماڭدى. ئايال گويا قانداق قىلىشىنى بىلمىگەندەك جىم تۇراتتى. --- سىلىمۇ شۇنداق قىلسىلا. قورۇنماي ماڭسىلا، --- دېدى بۇ كىشى. بۇ كىشى ئايالنى ھەم بىر توپ بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كەتتى

2

ئابدۇقادىر داموللام يېتىملەرخانىسىدىن چىقىپ، ئۆز ئۆيىگە كىرىپلا مەخسۇم بالىسىنى چاقىرىپ، ئىچكەركى ئۆيدىن غەللە ساندۇقىنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇدى. غەللە ساندۇقىنىڭ ئېتىنى ئاڭلىغان مەخسۇم خۇشاللىقتا قىن-قىنىغا پاتماي يۈگۈرگەن پېتى ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ، ساندۇقنى كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، مەسۇمنىڭ ۋالىدەسى نائىلە خانىم، ھەممىدىن كىچىك قىزى ئامىنەلەر بىللە چىقتى

--- يائاللا، ئولاش-چولاش ھەممىڭلار چىقىپ نېمە بولۇشتۇڭلار؟ --- دېدى داموللام ھەيران بولغان تەرزدە. --- غەللە ساندۇق ئېچىلغۇدەك دەپ ھەممىمىز خۇشال چىقتۇق، قانداق، بولماپتۇمۇ؟ --- دېدى نائىلە خانىم مىيىقىدا كۈلۈپ. --- چىققانلىرى بوپتۇ، ئەمما ھەرقايسىلىرىغا زەررىچە مەنپەئەت تەگمەسمىكىن! --- مەيلى… غەللىنىڭ ئېچىلغىنىنى كۆرسەكمۇ بىر پايدا، -- دېدى نائىلە خانىم سەل نارازى بولۇپ، --- مەن تېخى ئۆمۈرۋايەت ئېچىلمايدىغان ساندۇقمىكىن دەپتىمەن. بىچارە مەخسۇم بالام غەللىنىڭ ئېچىلىشىغا تەقەززا بولۇپ ھېچ ھالى قالمىدى. ساندۇقنىڭ قۇلۇپىنى ھەر كۈنى يۈز قېتىم تاراقلىتىدۇ. تۇتمىسىلا بالام، داموللا دادىلىرى خاپا بولىدۇ، دەپ توسۇپ كەلدىم، مەيلى دەپ قويۇپ بېرىدىغان بولسام قۇلۇپنى ئاللىقاچان چېقىپ تاشلايتتى. --- ھە… … تېخى، مەخسۇم بالام كەپسىزلىك قىپتىكەن-دە! --- داموللام مەخسۇم ئوغلىغا قاراپ قويدى. مەخسۇم بولسا سەل-پەل قىزىرىپ تۇراتتى، كىچىك قىز ئامىنە سوراشقا باشلىدى: --- دادا، دادا، بۇ ساندۇقتا يىمە بار؟ --- ساندۇقتا لىپاپا بار. --- يىتاپىنىڭ ئىچىدە يىمە بار؟ --- ئۇنىڭ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن. --- دادام سىلىنى گوللاۋاتىدۇ، لىتاپىنىڭ ئىچىدە لىق پۇل بار، --- دېدى مەخسۇم ئىتتىكلىك قىلىپ. --- پۇلنى يىمە قىلىدۇ؟ --- كىچىك قىز بىلمىگەنلىكتىن سورىدى. --- دادام بىزگە بەرسە خەجلەيمىز، --- دېدى مەخسۇم سىڭلىسىغا يول كۆرسىتىپ. --- سىلەر خەجلىسەڭلەر توغرا كەلمەسمىكىن! --- دېدى داموللا ئۆز بالىلىرىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ.

بۇ ساندۇق نەچچە يىللاردىن بېرى ئۆي ئىچىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتاتتى ۋە ئۇنىڭ ئېچىلمايۋاتقانلىقى ھەممىنىڭ ئىچىنى ئىچىنى پۇشۇراتتى. ئابدۇقادىر داموللا ھىجرەتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قەشقەر خەلقى بېشىدا كۆتۈرگىدەك ھۆرمەت قىلدى. مېھمانغا چاقىردى، بەزمىلەرگە تەكلىپ قىلدى. بۇنداق چاغلاردا كىشىلەر داموللامنىڭ ئالدىغا پۇل قويۇپ دۇئاسىنى ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، داموللامغا يەنە ھەر خىل كىرىملەر --- ئۆشرە، زاكات، سەدىقە، ئېھسان ۋە ئىسقات لىپاپىلىرى كېلەتتى. بۇ كىرىملەر باشقا موللا-ئالىملارنىڭ رىسقى يۇرتقا چېچىلغانلىقىغا ئوخشاش غەيرىي رەسمىي كىرىم بولسىمۇ، ئەمما داموللام ئۇنى ئۆز شەخسكە ۋە ئائىلە خىراجىتىگە قىلچە تەسەررۇپ قىلماستىن، كەلگەن پۇل، لىپاپىلارنىڭ ھەممىسىنى مەزكۇر غەللە ساندۇقىغا تاشلاپ، يوغان قۇلۇپتىن بىرنى سېلىپ، ئاچقۇچىنى ئۆزى ساقلاپ كېلەتتى. ئۆي ئىچىدىكىلەر بۇ ساندۇقتا پۇل بارلىقىنى ئاللىبۇرۇن بىلەتتى. شۇڭا داموللامنىڭ ئوغلى مەخسۇم بىرنېمە يېگۈسى كەلسە ياكى پۇل خەجلىگۈسى كەلسىلا ساندۇقتىكى قۇلۇپنى تاراقلىتاتتى. ۋالىدەسى نائىلە خانىم بولسا داموللامنىڭ خاپىسى ئۆرلەپ قالمىسۇن دەپ مەخسۇم بالىسىنى توساتتى. ئەمما ساندۇقنىڭ ئېچىلماسلىقىغا ئۆزىنىڭمۇ ئىچى پۇشاتتى. شۇڭا ھازىر غەللە ساندۇق ئېچىلغان پەيتتە، نائىلە خانىم ئىچىنى بوشىتىۋالماقچى بولۇپ دەرھال سۆز ئاچتى:

--- بۇ غەللە قاچان ئېچىلاركىن دەپ چوڭ-كىچىك ھەممىمىز زار بولدۇق. بىزنىڭ ئۆيىمىز ھازىر گېلى بىلەن تەڭ قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتى. ئەلا خېنىم ئۈچ قېتىم داستىخان قىلىپ كەلدى. مەن تېخى بىر قېتىم ياندۇرغۇ قىلىپ باقمىدىم. ھاجى خېنىم، ئامانگۈل خېنىم، نەجلا خېنىملارمۇ قانچە قېتىمدىن داستىخان قىلىپ كەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى قەرز بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىزمۇ داستىخان قىلىپ بارىدىغان ھەر ئىشلار چىقتى. بارايلى دېسەك ئۆيدە يوق، بىزنى كىم دېسە، داموللامنىڭ قۇشناچى دەيدۇ. ئېتىمىز ئۇلۇغ، ئەمما بىر يەرگە داستىخان قىلىپ بارغىدەك ھالىمىز يوق. ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن كارىلىرى يوق. تاپقان نەرسىنى غەللىگە سېلىپ، ھېچكىمگە كۆرسەتمەيلا. ھازىر مەن خىجالەت بولۇپ ئىشىكتىن بېشىمنى چىقىرالمايدىغان بولدۇم. ئادەمگەرچىلىكتىن چىقىپلا كەتتىم

--- خېنىم، راسا توشۇپ كېتىپتىكەنلا، -- دېدى داموللا كۈلۈمسىرەپ، نائىلە خانىمنىڭ كۆزىگە قاراپ، --- سىلىنىڭ چۈشەنچىلىرىدە، بىر يەرگە داستىخان كۆتۈرۈپ بارسا ئادەمگەچىلىك بولۇپ، داستىخان كۆتۈرۈپ بارالمىسا ئادەمگەرچىلىك بولمامدىكەن؟ كەمىنىلىرى بۇ چۈشەنچىلىرىگە قوشۇلالمايمەن. مېنىڭ نەزەرىمدىكى ئادەمگەرچىلىك باشقا گەپ. ھەرقايسىلىرىنىڭ كۆتۈرمەكچى بولغان داستىخانلىرى ئادەملەر بىلەن ئادەملەر، ئائىلىلەر بىلەن ئائىلىلەر ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقان رەسمىيەتلەرگە قارىتا ئېيتىلىۋاتىدۇ. كوچىلاردا مەزە كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقانلار ياكى داستىخان-تاۋاقلىرىنى زەمبىلگە سېلىپ ئۆتۈۋاتقانلار تولا ئۇچرايدۇ. بۇلار بەلكىم ئادەمگەرچىلىك قىلىپ كېتىۋاتقاندۇر. ئەجەبا، بۇلارنىڭ داستىخانلىرى دۇنيادا ھېچنەرسىدىن خىجالىتى يوق بايلارنىڭ ئۆيلىرىگە، بېيىپ كەتكەن قازى-قۇززاتلارنىڭ، ئەمەلدار-بەگلەرنىڭ ئۆيلىرىگە، شۇ ئۆيلەردىكى خېنىملارغا بولۇۋاتىدۇ. بۇ، خۇددى ياغلىق ئۈچەيگە ياغ تىققاندەك بىر ئىش. قوشۇلمايدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبلىرى مانا مۇشۇ يەردە. خېنىملارنىڭ ئادەمگەرچىلىك دەپ كۆتۈرۈپ ماڭغان داستىخانلىرى كوچىلاردا ئاچ-يالىڭاچ يۈرگەنلەرگە، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە زادى بارمايدۇيا؟ بىزنىڭ بالىلىرىمىز ھاممام ئاستىدا كۈلدە ياتسا، كوچىلىرىمىز تىلەمچىلەر بىلەن تولۇپ كېتىۋاتسا، پۈتۈن شەھەردە كەمبەغەللىك، ئاچ-يالىڭاچلىق، قەھەتچىلىك ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتسا، بۇ خارۇ-زارلىققا ھېچكىم ئادەمگەرچىلىك قىلمىسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ بىز مۇشۇ قەشقەردە تۇغۇلدۇق، ئۆستۇق، بىزنىڭ كۈنىمىز، ئىنشائاللا بىرقەدەر ياخشى، بىزنىڭ قولىمىزدىن قانچىلىك ئادەمگەرچىلىك كەلسە، بىز ئۇ ئادەمگەرچىلىكنى ھالاۋەتتىن كېرىلىپ، بۇرنىدىن ياغ تېمىپ تۇرغان خېنىملارنىڭ بارىكاللىسىغا قىلماستىن، بىچارە، زەئىپ، مېيىپ، يېتىم-يېسىرلەرگە قىلىشىمىز كېرەك.شەھىرىمىزدە كەمبەغەل جىق، ھەممىگە قىلىشقا قۇربىمىز يەتمەيدۇ. ئەمدىگىنە يىگىرمىدەك يېتىمگە ئادەمگەرچىلىك قىلىۋاتىمەن.ئۆزلىرى بىلەن قەدىناس بولۇپ كېلىۋاتىمىز، مەن قىلغان ئىش ئۆزلىرىگىمۇ تەئەللۇق، ئەلۋەتتە. قېنى، ئىككىمىزنىڭ قۇدرىتى يەتكەن بولسا، پۈتۈن شەھەرگە – پۈتۈن قەشقەرگە قىلغان بولساق بەك ياخشى بولاتتى، ھازىر بايلار، ئۆلۈمالار، ئەمەلدارلار، شەيخ، مۆتىۋەرلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار مەدرىس، ۋەقپىلەرنىڭ بىرنەرسە ئاجرىتىپ بېرىشكە مۇتلەق رازى ئەمەس. پۈتۈن كەسپى-غېمى ئۆز يانچۇقىنى تولدۇرۇشتا. بۇ غەللىدىكى نەرسىلەر ماڭا تەۋە. يۇرت ئالدىمغا قويدى، ئالمىسام رەنجىيدۇ، ئالدىم، ئەمدى ئۆز خەجىمگە تەسەررۇپ قىلسام ماڭا راۋا بولامدۇ؟ مەئىشىتىمىز ئوتتۇراھال كېتىۋاتقان ئائىلە سەدىقە-ئېھسان يېسەك توغرا بولامدۇ؟ كىتابلىرىمىزدا سەدىقە-ئېھساننىڭ خوجىسى --- كەمبەغەل، ئاجىز، يېتىم-مىسكىنلەر دەپ بايان قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز غەللىگە قول سالمايمىز. بۇنىڭ ئىگىسى --- كىيىمسىز، ئاش-نانسىز، كوچىدا قالغان يېتىملەر بولسۇن. ماڭسىلا بالام، يۈگۈرۈپ چىقىپ موللا ساۋۇت ئاكىلىرىنى قىچقىرىپ كەلسىلە، غەللىدىكى پۇللارنى تاپشۇرۇۋالسۇن

نائىلە خانىم ئاجايىپ ئۇلۇغ ھەدىس ئاڭلىغان ئىدى. تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، خۇشخۇي قىياپەتتە ئۇزۇن بىر تىنىق ئېلىپ، مەخسۇم بالىسىغا قاراپ: --- ماڭسىلا بالام، چاپسان قىچقىرىپ كىرسىلە، --- دەپ داموللامنىڭ بۇيرۇقىنى كۈچلەندۈردى. مەخسۇم چىقىپ ئانچە ھايال بومايلا موللا ساۋۇت خەلپەت كىرىپ كەلدى

--- ماۋۇ غەللىنى بۈگۈن سىلىگە تاپشۇراي. ئۆز قوللىرى بىلەن ئېچىپ، ئىچىدە نېمە بولسا ئېنىق ساناپ، دەپتەرگە ئورتىلىق قىلىپ ئورنىتىپ، يېتىم بالىلارغا سەرپ قىلسىلا. بىر تىيىن، بىر مىسقال پۇل ئۇيان-بۇيان بولۇپ كەتمىسۇن. بىزنىڭ ھازىرقى ئىشىمىز ئېغىر، ۋەزىپىمىز چوڭ. خەلقىمىزنىڭ بېشىغا چۈشكەن تەنەززۇل بەكمۇ ئېغىر، ئازدۇر-كۆپتۇر ئاغە قىلمىساق بولامدۇ؟ ھازىر خەلقىمىز كانارىغا ئېسىلغان گۆش، كاۋاپ زىخلىرىغا ئۆتكۈزۈلگەن قىيما، بايلار، ئۆلۈمالار، ئەمەلدار-بەگلەر خەلقنىڭ گۆشىنى بەررە كاۋاپ قىلىپ ئىشتىھا قىلماقتا. ئەغيارلار (ئىنگلىزلار، شىۋىتلار) خەلقنىڭ ئەمگەك تەرلىرى، ئىسسىق قانلىرىنى قەدەھلەرگە تولدۇرۇپ ئىچمەكتە. موللا ساۋۇت، ھوشيار بولسىلا، كاللىلىرىنى سىلكىسىلە. ۋەزىپە بەك ئېغىر … قېنى، غەللىنى ساناپ باقسىلا. موللا ساۋۇت غەللىنى تۆكۈپ، قەغەز پۇل، كۈمۈش پۇللارنى ئۆز قولى بىلەن ساناپ دەپتەرگە چۈشۈرۈشكە كىرىشتى

داموللام بولسا، ئۆز يانچۇقىدىن بىر سەر تەڭگە چىقىرىپ، ئۆي خىراجىتى دەپ نائىلە خانىمغا ئۇزاتتى. مەخسۇم بالىسى بىلەن ئامىنە قىزنى ھەم نائۈمىد قىلماي، بىردىن تىيىن پۇل بېرىپ رازى قىلدى

3

--- بېشى ئىششىپ قالغان ئادەم-دە،--- دېدى قارا ساقال، يۇمۇلاق يۈزلۈك كەلگەن كەلگەن تاھىر داموللا، --- كوچىدا يۈرگەن بىرنەچچە يېتىم ئوغلاقنى يىغىۋېلىپ باقىمەن، تەربىيەت قىلىمەن دەپ يوقىلاڭ ئىشقا بىكاردىن-بىكار ئاۋارە بولۇۋاتىدۇ! --- خۇدا سالغان كوي دىسىلە، ئۇنى تارتماي نە چارە! --- دېدى ھېلىم مەزىن قاپاقلىرىنى ئۇچۇرۇپ. --- ئۆزۈمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن، پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن دېگەن شۇ-دە؟ --- دېدى ئۇچلۇق ساقال، پاكار بويلۇق ئوبۇلقاسىم مۆتىۋەللى، --- يېتىم ئوغلاقلارنى كوچىدىن يىغىۋېلىپ ئارىدىن ھەپتە ئۆتەر-ئۆتمەيلا باقماق ئېغىر كېلىپ، مەدرىسنىڭ ئەۋقاپلىرىدىن بىرنەرسە ئاجرىتىپ بېرىڭلار دەپ ھەممىنى ئاۋارە قىلىۋاتىدۇ!... خانلىق مەدرىسىدە پېشىننى قوئۇپ چىققان بىرنەچچە تەقۋادار كىشى دەرۋازا ئاستىدىكى سۇپىدا ئولتۇرۇشۇپ ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرى توغرىسىدا شىكايەت قىلماقتا ئىدى. --- كوچىدا ئۆزىنىڭ كۈنىنى ئۆزى ئېلىپ كېلىۋاتقان يوتقان تېشى ھارامزادىلەرنى يىغىپ قويۇپ، باقماق تەس كەلگەندە ئەۋقاپقا چاڭگال سالسا توغرا كېلەمدىكەن؟ --- دېدى تاھىر داموللا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، --- ھەر بىئە مەدرىسنىڭ ئۆزىگە يارىشا قورسىقى، يىقىلغان تېمى، يامايدىغان تۆشۈكى بولىدۇ. مانا شۇ قورساقلىنى بېقىش، تۆشۈكنى ياماش كېرەك ئەمەسمۇ؟ ئەۋقاپنى يېتىم ئوغلاقلىغا يېدۈرۈۋەتسەك قالغان ئىشقا قانداق قىلغۇلۇق؟ ئويلىماستىن ئاغزىنى قاپتەك ئاچىدىكەن. --- ھازىر بۇ ئادەم شەھەرگە سىغمايۋاتىدۇ، --- دېدى ھېلىم مەزىن ئۆز پىكرىنى قۇۋۋەتلەپ، --- ئۇنى ئۇنداق دەۋاتقان، بۇنى بۇنداق دەۋاتقان، بايلارنىڭ ياقىسىغا، ئۆلۈمالارنىڭ پېشىگە ئېسىلىۋاتقان، ھەرقايسى خانىقا-مەدرىسلەرگە چاپلىشىۋاتقان، بۇنىسىغۇ مەيلى، ئىنگلىز كونسۇلخانىسى، شىۋىت دوختۇرخانىلىرىغىمۇ تىل سېلىۋاتىدۇ. بۇ ھەممىدىن يامىنى دېسىلە! ئىنگلىزلار بىزگە نېمە قىلدى؟ شىۋىت دوختۇرخانىسى نېمە يامانلىق قىلدى؟ نېمىشقا ئويلىمايدىغاندۇ؟ --- بۇ ئادەم ئۆزى ئۆلۈما بولسىمۇ جەدىتلىك يولىغا كىرىپ قاپتۇ. شۇڭا جىمى ئىشقا چات كېرىپ ھەممىگە چاڭ سېلىۋاتىدۇ! --- ئىنگلىزلار بىلەن شىۋىتلارغا چاڭ سالغىنى بەك قاملاشمىدى. ئۇلار بىلەن چاقچاقلىشىدىغان خەق ئەمەس، ئۇلار دېگەن دۇنيانى سوراۋاتقان خەق! تەقسىر داموللام، “جاھانگىر” دېگەننىڭ سىغىسى نېمە؟ --- دەپ سورىدى ھېلىم مەزىن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا. --- “جاھان” دېگەن 18 مىڭ ئالەمنى كۆرسىتىدۇ. “گىر” دېگىنى تۇتقۇچى دېمەكتۇر. جاھانگىرنىڭ مەنىسى جاھان تۇتقۇچى دېگەن بولىدۇ. “لاخشە” دېگەن چوغ دېمەكتۇر، ئوت تۇتىدىغان ئەسۋابنى شۇنىڭ ئۈچۈن “لاخشىگىر” دەپ ئاتايمىز. ۋاللاھۇ ئالەم بىسساۋاپ … … --- تاھىر داموللام جاۋاب بەردى. --- يائاللا، يائاللا داموللام. ئابدۇۋەلى باي مەدرىسىسىنى قوچۇپ ئۇماچ قىلىۋەتتى، --- تاھىر داموللا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، چوڭ مەسىلىدىن خۇلاسە چىقىرىپ چۈشەنچە بېرىۋاتقان تەرزدە داۋام قىلدى، --- مەدرىسە ئوقۇشقا جۇغراپىيە، تارىخ، ھەندەسە دەرسلىرىنى كىرگۈزىمىز دەپ تالىپلارنىڭ كاللىسىنى ئايلاندۇرۇپ قايمۇقتۇرۇۋەتتى. تالىپلار ھازىر يا ئۇنىڭدىن، يا بۇنىڭدىن بەھرى ئالالماي، كەپتەرۋازنىڭ قاپىقىدەك شۇرۇقلاپ كەتتى، ئەزەلدىن ئوقۇتۇلىۋاتقان قائىدىسى بىلەن ماڭسا ئۆز يولى بىلەن كېتىۋەرمەمتى؟! --- مەدرىستە ناخشا ئۆگەتكەن نەدە بەر؟ ئۆتۈپ كېتىۋاتسام ئابدۇۋەلى باي مەدرىسىدە گۈر…گۈر… ناخشا ئاۋازى، خۇدايا توۋا دەپ قاپتىمەن. بۇ ئادەمنىڭ قىلىقلىرىغا خۇدايا توۋا دېمەكتىن باشقا چارىمىز يوق، بولمىسا مەدرىس دېگەننىڭ تائەت-ئىبادەت قىلىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى، ناخشا توۋلىسا گۇناھ بولىدىغانلىقىنى ئۆزى ئوبدان چۈشىنىدۇ، --- دېدى قاسىم مۆتىۋەللى. --- ئالىمنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋەردۇققۇ؟! بۇ ياخشى بولامدۇ؟ --- دېدى ئەتىگەندىن بېرى سۆزگە ئارىلاشمىغان تەۋەككۈل خەلپەت سۈرلۈك قىياپەتتە، --- بۇ ئادەم بىزنىڭ قەشقەردىن چىققان ئۇلۇغا ئالىم، ئۇلۇغ پەيلاسوپ. داموللامنىڭ نۇرغۇن كىتابلىرى تاشكەنت، قازان مەتبەئەلىرىدە نەشردىن چىقتى، «ئېرشادىل مۇسلىمىن»، «مۇپتاھىل ئەدەب»، «ئەقايىد زۆرۈرىيە»، «ئىبادەت ئىسالمىيە»، «بىدايىتى سەرپ»، «ھىدايىتى نەھۋى»، «شەرھ ئامالى» ۋە باشقىلار. بۇ كىتابلار نەشردىن چىقىپ، دەرسلىك بولۇپ ئوقۇلۇۋاتىدۇ، يەنە «جاۋاھىرۇل ئىقان» كىتابى مىسىردەك چوڭ ئېرفان شەھىرىدە ئالاھىدە تەقدىرگە ئىگە. جۇغراپىيە، ھەمدىسە (ئارخېئولوگىيە) نۇسخىسى يوقالغان بولسىمۇ، يىغىپ ئېتقاندا، بۇ كىشى بىر ئالىم. مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ، بىزنىڭ قەشقەدىن مۇشۇنداق ئالىم چىقسۇنۇ، ئىپتىخار بولۇشنى قايرىپ قويۇپ، غاجىغىلى تۇرساق زادى قانداق بولار؟! … … بىزنىڭ بۇ پېئىلىمىز! ھەي بىزنىڭ بۇ پېئىلىمىز بىزنى قانداق رىزالەتكە تاشلاركىن!... … ئەتگەندىن قىزغىن شىكايەت قىلغۇچىلار قاپاقلىرىنى سېلىپ جىمجىت ئولتۇرۇشۇپ بىر ھازادىن كېيىن تارقىلىپ كېتىشتى

4

قەشقەر 1-مەدرىس (ئابدۇۋەلى مەدرىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئايۋانچىسىدا ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرى ۋەز ئوقۇماقتا. يۈزلىگەن تالىپلار پۈتۈن ۋۇجۇدى، تولۇق ئىشتىياقى بىلەن قۇلاق سالماقتا ئىدى. داموللام سۆز ئاخىرىدا قولىغا «نەسىھەتى ئاممە» نۇسخىسىدىن بىرنى ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم ئىسلام ئالىمىنىڭ دانىشمەنلىرى ۋە دىيانەت جاھاننىڭ ئىخلاسمەنلىرىگە روشەن ۋە ھۇۋەيدا بولسۇنكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادەت شاراپەتلىرى ياخشى ئەمەللەر بىلەن ھاسىل بولۇر. بۇ ئەسراردىن ئىلگىرىكى ئۆلۈمالىرىمىز ۋاقىپ بولۇپ، تامام ھىممەتلىرىنى ياخشى ئەمەللارنى قىلماققا ۋە ئۇنى باشقىلارغا بىلدۈرمەككە سەرپ قىلىشتى. شۇل ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ھىممەت ۋە غەيرەتلىرى سايەسىدە ئىشلارنىڭ ھەقىقەتلىرىنى تامام ئالەمگە بىلدۈرگەن ئىدى. ئىتتىپاق، ئىلىم-مەرىپەت، ئىنساپ، ئادالەت ئاشكارا بولۇپ، زۇلۇم-سەتەم، ئىختىلاپ، ئىتتىپاقسىزلىق ۋە جاھالەتلەر سىنىغان ئىدى. ئەپسۇسكى، قايسى كۈنىكى ئەلنىڭ ئەخلاقلىرى بۇزۇلۇپ، ئەمەل سالىھەلىرىغە نۇقسان يېتىپ ئىتتىپاقلىق يوقالدى. سۇسلۇق، بىكارچىلىقلار زۇلۇم-خىيانەتلەر پەيدا بولدى. ئىلىم-مەرىپەت كېمەيدى. ئەلنىڭ شان-شەۋكىتى يوقىلىپ، خار زەبۇنلۇقلار يۈزبەردى. سەپەر يۈرۈشلىرىمىگە خۇراپاتلىقلار ئارىلاشتى. ئىززەت-ئابرۇيلىرىمىز قولدىن كەتتى. مۇخالىپلار (جاھانگىلار) ۋەتىنىمىزگە قول سۇنۇشقا باشلىدى. ئىنساپ بىلەن ياخشى مۇلاھىزە قىلساق، بۇ زەبۇنلۇققا سەۋەب ئۆز پېئىلى ئېتىبارىمىزدۇر. ھازىر بىز ھەممە جەھەتتىن پەرىشان، خار-زەبۇنلۇققا، غەم-كۈلپەت، ئەپسۇس-نادامەتتىن باشقا ئىلاجىمىز يوقتۇر. زىرائەت، تىجارەت ۋە سانائەتلەردە ھەممە مىللەتلەر (ئەللەر مەنىسىدە)دىن تۆۋەندۇرمىز. كېلىڭلار، ئەي قېرىنداشلار! بۇ زەبۇن-جاھالەتلىرىمىز ئۈستىدىن پىكىر-مۇلاھىزە قىلايلى، ھازىرقى تەنەززۇلدىن غەم-ئەندىشە قىلايلى! ئۆلۈمالىرىمىز ياخشى ئەمەللەرنى بىزگە كەمەيەنبەغى بىلدۈرسۇنلەر. راستلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتسۇنلەر، ھالىمىزدىن ۋە يېتىم-مىسكىنلەردىن خەۋەر ئېلىپ، ئۆشرە-زاكات ۋە سەدىقە-ئېھسانلار بىلەن ئۇلارنى تەربىيەت قىلىپ، ئۇلارنى دۇنيادىكى نازۇ-نېمەتلەردىن بەھرىمەن قىلسۇنلەر. ئۇلارمۇ خەلق ۋە مىللەتكە خىزمەت قىلسۇنلەر، ئەر-خاتۇنغا ئوخشاشلا ئىلىم تەلەپ قىلماقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى مۇلاھىزە ۋە ئېتىبارغا ئېلىپ، قىزلارغا مەخسۇس مەكتەپلەر بىنا قىلسۇنلەر. شۇنىڭ ئۈچۈنكى، كىچىك بالا نادان ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە يامان خۇلۇق-نادانلىق كەسپ قىلۇر، كىچىكلىكتە ئورناشقان يامان خۇلۇق ۋە نادانلىقنى تۈگەتمەك مۇشەققەتتۇر. ئەگەر ئانىسى ئوقۇغان، بىلگەن بولسا، بالىنى ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيە قىلۇر. كىچىكىدە تەربىيە كۆرگەن بالا چوڭ بولغاندا كامالەت ھاسىل قىلمىقى ئاسان بولۇر. ھەممىمىز ئىنساپ قىلايلى! ئىستىقبالىمىزدىن ئەندىشە قىلايلى، مۇقەددەس ۋەتىنىمىزنى، خەلقىمىزنى ھەر خىل تەدبىر-ئىلاجلار بىلەن مۇھاپىزەت قىلايلى. تولا بىچارە يېتىم-ئاجىز بالىلار چارىسىزلىقتىن، ئىلىم-مەرىپەتنىڭ يوقلۇقىدىن بىگانىلەرنىڭ مەكتەپلىرىدە (شىۋىت مىسسىئونېرلىرى ئاچقان مەكتەپنى كۆزدە تۇتىدۇ) ئاش-نان دەپ ئوقۇپ گۇمراھ بولۇشۇرلەر. ئىنسانلىق غەيرەتلىرىمىز بىلەن ئۇلارنى خالاس قىلماققا چارە ئىزدەيلى. بۇ زامان ئىنتىباھ (تەنبىھ) ۋە ئاگاھلىق زاماندۇر. غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەستۇر. ئىلىم-مەرىپەت دەۋرىدۇر، جاھالەت ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەستۇر. سەئى ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر. سۇسلۇق ۋە بىكارچىلىق دەۋرى ئەمەستۇر. باشقا مىللەتلەر ئىلىم-مەرىپەت ساھەسىدە ھاۋادا ئۇچماقتا، سۇنىڭ تەكتىدە گويا قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك يۈرمەكتە. بىزلەر ھونۇز ۋە غەپلەت ئۇيقۇسىدادۇرمىز. ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. بۇ تەرزدە دائىم ئۇخلىماق پانا ۋە ھىلاكەتتۇر. ئۇيقۇدىن بىدار بولايلى. ھېلى ھەم ۋاقىت پۇرسەت باردۇر. نائۈمىد بولماق راۋا ئەمەستۇر. لېكىن باشقا كەسپ ۋە تەلەپلەر سەئىدىسىز مەتلۇب ھاسىل بولمىقى ئادەتتە جارى بولمىغاندۇر. جەددۇ-جەھەت سەئى ئىجتىھات قىلماق زۆرۈردۇر. ۋەسسالام

تالىپلار ھاياجانلانغان ھالدا داموللامغا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇراتتى. داموللام تالىپلارغا بىر قۇر نەزەر تاشلىغاندىن كېيىن ئاخىرقى سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇردى: --- ئۇشبۇ «نەسىھەتى ئاممە» ۋەرەقىسىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنى بىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ كەسكىن پىكىرلىرىمىز --- مۇددىئالىرىمىزنىڭ مەجمۇئەسىدۇر. بۇ ۋەرەقىلەرنى ھەر بىر تالىپلىرىمىز يۈزلەپ نۇسخىلار ئېلىپ خەلق ئاممىسىغا ئوقۇپ تەشۋىق-تەرغىپ قىلىشىڭىزلارنى ۋەتەن يولىدا ۋەزىپە قىلىمىز. خەلقىمىز چۈشەنسۇن، خەلقلىرىمىزگە بىر-بىر نۇسخىدىن تارقىتىپ بېرىڭىزلەر. ئۇلارمۇ ئۆي-ئائىلىلىرىدە ئوقۇپ چۈشەندۈرسۇن. بۇ ۋەزىپىمىزنى ياخشى ئەمەللەر جۈملىسىدىن دەپ تونۇپ ئىجرا قىلالامسىزلەر؟ تالىپلار بىردىن چۇقان سېلىپ: “ئىجرا قىلىمىز!” دەپ قىزغىن ئىپادە بىلدۈرۈشتى، داموللام ئۈستى-ئۈستىگە “بارىكاللا!... …” ئېيتىپ تالىپلارغا ۋەرەقە تارقاتتى

5

قەشقەر ھېيتگاھ ئىچى. جەنۇبىي يان ئىشىك تەرەپتىكى پىشايۋان ئاستىدا، چاققانغىنە ئىھاتە تاغاق (ۋادەك) ئىچىگە قازىخانان جايلاشقان. تاغاق ئىچى پاكىزە سۈپۈرۈلۈپ، بورا تاشلانغان، بورا ئۈستىگە ئاق كىگىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە نېپىز يۆگەك كۆپە تاشلانغان، قەشقەرنىڭ تۆت قازىسى يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشقان ئىدى. يان ئىشىك تەرەپتە قازىخانىدىن سەل نېرىراقتا سەللىسىگە قومۇش قەلەم قىستۇرغان خەتتاتلار كىچىك كۇرسىلاردا ئولتۇرۇشقان ئىدى. شۇ پەيتتە نە دەۋاگەر، نە ئەرز يازدۇرغۇچى يوق بولغانلىقتىن سەل ئارا ئىدى. ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرى يان ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى. خەتتاتلار دەرھال ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ سالام بېرىپ ھۆرمەت كۆرسەتتى. داموللام ئىلىك ئالغاندىن كېيىن، توپتوغرا قازىخانا ئالدىغا كەلدى: --- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!... … --- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام… … --- تۆت قازى تەڭلا ئىلىك ئېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت كۆرسەتتى ۋە بىساتقا تەكلىپ قىلدى، --- كەلسىلە داموللام، بىساتقا كەلسىلە! --- رەھمەت، مەن بۈگۈن باشقا ئىش ئۈچۈن كەلدىم، دەۋاگەر سۈپىتىدە مۇشۇ يەردە ئۆرە تۇراي، --- دېدى داموللام. --- نېمە دېگەنلىرى ئۇ، كەلسىلە چاخچاق قىلماي، --- دېدى ھەسەن قازى كۈلۈمسىرەپ. --- چاخچاققا ۋائىت زايەدۇر، بۇ مۇھىم ئىش ئۈچۈن ھەرقايسىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئالاھىدە بىر-بىرلەپ بېرىشىم لازىم ئىدى، ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ بۇ يەرگە بېسىپ كېپقالدىم. مائاپ قىلىشسىلا، مەن بۇ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۈنلەرگە زادىلا قانائەت قىلمىدىم، رازى بولمىدىم. ۋەتىنىمىز – خەلقىمىز نادانلىقتا، جاھالەتتە ياتماقتا، غەپلەت پاتقاقلىرىغا پاتماقتا. بۇ ياخشى ھادىسە ئەمەس. بۇ ئىشلارغا ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى قانداقمۇ تاقەت قىلىپ تۇرالىسۇن! ھەممە ئىشلار كونا قېلىپتا – قىلچە يېڭىلىق يوق. ۋاقىت، دەۋر بىكار ئۆتمەكتە! بۇ قاتماللىققا قانداقمۇ رازى بولغىلى بولسۇن! قانداقمۇ چىداپ تۇرغىلى بولسۇن؟ ھەرقايسىلىرى يۇرت ئاتىسى، ئۆلۈما-كىراملار، ئەلۋەتتە ۋەتەننىڭ غېمىنى قىلىپ، خەلقنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ، ئاۋاتلىق، مەرىپەتلىك، بەخت-سائادەتلىك يوللارغا باشلاپ مېڭىشلىرى لازىمدۇر. ئەگەر ئىنساپ تارازىمىز بىلەن تەپەككۇر خىياللىرىمىزنى ئۆلچەپ كۆرۈدىغان بولساق، بىز ئۆلۈما فەزلالارنىڭ خەلقنى مەرىپەتكە باشلاش، ئويغىتىش ۋەزىپىلىرىمىز باردۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، بىز نېمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟ خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئىلىمنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بولسۇن؟ بۇنى ئويلاپ كۆرۈشىمىز لازىم ئەمەسمۇ؟ --- كەلسىلە داموللام، بىساتقا كەلسىلە، بۈگۈن سەل-پەل چېچىلىپ قاپلا، كەلسىلە، ئولتۇرۇپ ئالدىرىماي سۆزلىشەيلى! --- داموللا ئابدۇغوپۇر تەئەددى قىلغان تەرزدە داموللامنى بىساتقا تەكلىپ قىلدى. --- مەنغۇ چېچىلغىنىم يوق، لېكىن چېچىلساممۇ ھەققىم بار، --- دېدى ئابدۇقادىر داموللا تېخىمۇ ئېچىلىپ، --- بىز ھەممىمىز قانچە يىللار رىيازەت چېكىپ ئوقۇپ كەلدۇق. خەلقنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ يورۇقلۇققا، جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ مەرىپەتكە باشلايمىز دەپ ئوقۇدۇق. ھالا بۈگۈن يۇرتقا كېلىپ، قازى-قۇززات، مۇپتى-ئەلەم ۋە يەنە بىرمۇنچە مەرتىبىلەرگە ئىگە بولۇپ، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ قانائەت قىلساق، ھوزۇر-ھالاۋەت، راھەت-پاراغەت ئۇيقۇسىغا چۆكسەك، بۇنىڭ قارشىسىدا يۇرتىمىز جاھالەتتە قالسا، خەلقىمىز خۇراپاتلىق پاتقىقىغا چۆكسە ئاقىۋىتىمىز قانداق بولار؟ بۇ ئاقىۋەتتىن نېمە ئۈچۈن قايغۇرمايمىز؟ ھازىر خەلقىمىز ئىلىم-مەرىپەتكە تەشنا، تەرەققىياتقا تەقەززا بولماقتا، بىزنىڭ خەلقنى مەرىپەتكە ۋە تەرەققىياتقا باشلايدىغان ھېچقانداق ۋەزىپىمىز يوقمىدۇر؟ ئۆلۈمالارنىڭ ناماز چۈشۈرۈش، ئىسقات ئېلىش، نەزىر-چىراققا بېرىش، دۇئاخانلىق قىلىشتەك قېلىپلاشقان ئادەت ئىجراسىدىن باشقا ھېچقانداق ياخشى ئەمەللىرىمىز يوقمىدۇر؟ نېمە ئۈچۈن ئويلاشمايمىز؟ --- بارغانچە قايناپ كەتتىلىلىغۇ! بۇ ئالەمنىڭ قاينىغۇچىلىكى يوق، تەقسىر! --- ئىسلام قازى قاپىقىنى سېلىپ نەسىھەت تەرىقىسىدە سۆز قىستۇردى. --- قاينىغان بولسام ياخشى قىپتىمەن. بىز ئوقۇغان ئۆلۈمالار خۇددى كانارىدىكى گۆشكە ئولاشقان چىۋىنلەردەك مەدرىسىدىكى ئەۋقاپقا، قازىخانىدىكى مۆھۈر ھەققىگە، ئىشقىلىپ قەيەردە مەنپەئەت بولسا، شۇ يەرگە توپلىنىۋالغانلىقىمىزغا، ئىنساپ ھەۋزىنى قۇرۇتۇپ، تەمە پاتقاقلىرىغا چۆكۈۋالغانلىقىمىزغا، ۋەتەن-خەلقنىڭ ھالۇ-ئەھۋالىغا كۆزىمىزنى يۇمۇپ، دەرت-پەرياتلىرىغا قۇلىقىمىزنى ئېتىپ گاس-ئەما بولۇۋالغانلىقىمىزغا قانچە قاينىغان بولسام شۇنچە ياخشى. نېمە ئۈچۈن قاينىمەيدىكەنمەن؟ قېنى، ھازىر ئەھۋالىمىز قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ ئەزىز بالىلىرىمىز ھاممام ئاستىدا كۈلدە ياتماقتا. تىلەمچى-سائىللار كۈنساناپ كۆپەيمەكتە. ھازىر ئۆشرە-زاكات، ئەۋقاپ مالىيىلىرىنى ئۆز نەپسىمىزگە تارتىپ، يېتىم-يېسىرلارغا سەرپ قىلمايۋاتىمىز. نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا خەيرخاھلىق قىلمايمىز؟ مەكتەپلەر ئېچىپ ئۆز بالىلىرىمىزغا غەمخورلۇق قىلساق نېمە يامىنى؟ دارىلئېتام قۇرساق بولمامدۇ؟ ھەرقايسىلىرى يۇرتنىڭ كۆزى، خەلقنىڭ بېشى، ھالبۇكى خەلقىمىزنى ئىلىم-مەرىپەتكە، تەرەققىياتقا باشلىماستىن، پۈتۈن ئىجتىھات، پۈتۈن ئىشتىياق بىلەن مۆھۈر ھەققىگە مەپتۇن بولۇپ، كۈندە چۈشكەن تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپ خاتىرجەم ئۇخلاشسىلا، خەلقىمىزنىڭ ھالى قانداق بولار؟ كەلگۈسى ئىستىقبالىمىز نە كۈلپەتلەرگە گىرىپتار بولار؟ بىز ئۆز بالىلىرىمىزغا مەكتەپ ئاچماي تاشلىۋەتتۇق، ئەمما ياۋروپادىن كەلگەن ئەغيارىلار ئۇلارنى ئۆز قوينىغا ئالماقتا. ئىنگلىزلار، شىۋىتلەر شىپاخانىلەر قۇرۇپ ھەقسىز داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن خەلقىمىزنى ئۆزىگە تارتماقتا. ئۇلار خەلققە بىر مىسقال تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن يۈز سەرلەپ تەڭگە سەرپ قىلماقتا. بىز بولساق خەلقنى ئۆزىمىزدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەدەپ خەلقتىن كۆپلەپ پۇل ئالماقتىمىز. ھەر خىل جازا چارىلىرىنى قوللىنىپ خەلقنىڭ بېشىغا دەررە سېلىپ جاراھەتلەندۈرمەكتىمىز. ئەگەر بۇ توغرىدا قايغۇرمايدىغان بولساق كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئالدىدا بى ناھايەت ئۇياتقا قېلىشىمىز، لەنەت-نەپرەتكە كۆمۈلۈشىمىز مۇقەررەر گەپ! --- چېچىلىپ، قايناپ بېسىلماي، ئاخىرى ئىسيان كۆتۈرۈشكە باشلىدىلا تەقسىر، ئىسيانكار بولماق ياخشى ئىش ئەمەس، ئۆزىمىزنى سەل بېسىۋالايلى، ئۆز مۇجادىلىمىزدىن چەتنەپ كەتمەيلى! ئىنگلىزلار، شىۋىتلارغا تىل تەگكۈزمەيلى، ئۇلار بىزگە مېھمان!... … --- دېدى ئابدۇغوپۇر داموللا قاپىقىنى تۈرۈپ. --- ئەگەر ئىسيانكار بولالىغان بولسام مىڭ قەتلى شۈكرى، --- دېدى ئابدۇقادىر داموللا كۆكرىكىنى كېرىپ، --- تەقسىر داموللام ئىنگلىزلار، شىۋىتلار قانداق قىلىپ بىزگە مېھمان بولۇپ قالدى؟ ئۇلارنى كىم چىللاپ كەپتۇ؟ ئۆزلىرى چىللىغانمۇ-يا؟ ياكى قۇدا چۈشۈپ قويلىمۇ؟ تەقسىر كاللىنى سىلكىۋېتىپ سۆزلىسىلە! ئۇلار بىگا زادى مېھمان بولالمايدۇ. مېھمان بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئۇلار تاجاۋۇزچى، ئۇلار جاھانگىر، ھازىر قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ كەلگەن بىلەن، ئاستا-ئاستا گىلەملىرىمىزنى ئېلىپ بىزگە بورىيا قالدۇرغۇچى بۇلاڭچى. بىز قانچە خۇراپاتقا چۆكسەك ئۇلار شۇنچە خۇش بولىدۇ. چۈنكى غەپلەت ئۇيقۇسىنىڭ مەست قىلغۇچى دورىلىرىنىمۇ ئۇلار بىزگە ئىچكۈزگەندۇر. ئۇلار بىزگە مېھمان ئەمەس، بەلكى يىلتىزىمىزنى قىرقىيدىغان زۈلۈك سۇيقەستچى، كاللا كېسەر، قاتىل، قان شورىغۇچى يالماۋۇز. مېھمان دېگەن سۆزنى ئىككىنچى ئېغىزلىرىغا ئالمىسىلا، خەلقى ئالەم ئالدىدا ئاسىي گۇناھكار بولىدىلا… ئۇيات بولىدۇ، تەقسىر! --- مەن گۇناھكار بولۇپ قالدىممۇ؟ --- ئابدۇغوپۇر داموللا چاچراپ تەئەددىلىك بىلەن جاۋابەن سۆز قىلدى، --- بۇ ئىشلارغا نېمانچە قىلىلا؟ ئىسيان كۆتۈرمەك ئاسان، لېكىن ئاخىرىنى چىقارماق تەس. ئىنگلىز، شىۋىت دېگەنگە تىل تەگكۈزگىلى بولامدىغان! ئويلاپراق گەپ قىلساق بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق تەس بولارمىكىن!... داموللام تولا… --- مانا مەندۇرمەن، ھۆددىسىدىن ئۆزۈم چىقىمەن. سىلىچە بولغاندا ئۆيۈمگە كىرگەن ئوغرىنى مېھمان دېسەم بولىدىكەن-دە؟... --- ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ سۆزىنى كېسىپ جاۋاب قىلدى ئابدۇقادىر داموللا. --- داموللام سەۋرى قىلسىلا، --- دېدى ئابدۇغوپۇر داموللا ئاۋازىنى سەل پەسەيتىپ، نەسىھەت ئاھاڭىدا، --- ئۆزلىرى چەككەن رىيازەت ئاز ئەمەس، ئىلىم-پەزىلەتتە ھېچكىمدىن كەم قالمايلا، كۆپ يىللار ئىلىم تەھسىل قىلدىلا، قىلغان ئەجرىلىرىگە يارىشا خۇداۋەندىكېرىم ئىلىم ئاتا قلدى، مەرتىبە بەردى، رىزقى-نەسىۋىلىرىنى يۇرتقا چاچتى. مانا ئەمدى ئۆزلىرىمۇ بىزگە ئوخشاش يۇرتقا چېچىلغان رىزقى-نەسىۋىلىرىنى خۇددى دەريادىن بېلىق تۇتقاندەك، باغدىن شاپتۇل ئۈزگەندەك يىغىپ يەيدىغان ۋاقىتلىرى كەلدى. مانا بىزگە قايلىسىلا، بىز شۇنداق قىلىۋاتىمىزغۇ! بۇنىڭ نېمە يامىنى بولسۇن؟ قازىخانىگە كەلسەك، كۈنىگە تۆت-بەش سەر تەڭگە تاپاۋەت بولىدۇ، تەڭگىلەرنى يانچۇققا سېلىپ ئۆيگە قايتىمىز. دۇنيادا ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ جاراڭلىشىدىن ئارتۇق خۇش ئاۋاز بارمۇ؟ ھا-ھا-ھا… ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ ئۆيىمىزدە تىنچ ياتساق، بۇ نېمە دېگەن سائادەتلىك ئىش-ھە! يۇرتنىڭ ئىشى، خەلقنىڭ تەقدىرى ئاللانىڭ ئىلكىدىكى ئىش. خۇدانىڭ تەقدىرىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ. بىز بەندىلەر يۇرتنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىپ كېتەلەيمىزمۇ؟ بىزنىڭ خۇداغا قۇللۇق قىلماقتىن باشقا ھېچقانداق ۋەزىپىمىز يوق، تەقسىر!... --- يائاللا، يائاللا!--- دېدى ئابدۇقادىر داموللا، غەزەپ بىلەن تىترەپ، --- ئاجايىپ كەم ئەقىللىك بىلەن سۆزلەپ قويلا. ئىلمىي مەنتىقتىن تولىمۇ كور ئىكەنلا. ئەگەر سىلىدەك ئۆلۈمالارنىڭ چۈشەنچىسى شۇنداق بولىدىغان بولسا، بىزنىڭ قىياسىمىز نېمىگە ئوخشاپ قالار؟ تاڭلا مەھشەردە سۈرىتى مۇبەدىل بولۇپ كېتەرمۇ؟ مەن تېخى سىلىنى خېلى ئوقۇغان، ئىقتىدارلىق، مەنتىق ئىگىسى دەپ بىلەتتىم، ئەجەبا… مەن تېخى بىلمەپتىكەنمەن. سىلىنىڭ ئاۋۇ يوغان قورساقتا نېمە بار؟ زادى نېمە بار؟ --- قورساقتا تەقسىر، ئەتىگەن ئىچكەن قايماق چاي بىلەن ھالۋا، ئاندىن خۇدا بەرگەن رىزق-نەزىردە يېگەن بەتتە پولۇ بار. خۇدا بەرگەن رىزقىغا ئىسيان كۆتۈرۈپ، كېلىشتۈرۈپ يېيەلمىگەن كىشىلەرنىڭ قورسىقى سىلىنىڭ قورساقلىرىدەك ھەمىشەم پۈچەك تۇرىدۇ. ئۆزلىرى قۇشناچىم ئەتىگەن بەرگەن ئاتىلىنى ئىچىپلا كەلگەندەك تۇرىلا!--- ئابدۇغوپۇر داموللا مۇزەمەت قىلىپ كۈلۈمسىرىدى. --- توغرا، مەن ئەتىگەن ئاتىلا ئىچتىم، ئاتىلا بىزنىڭ تارىخىي ئەنئەنىۋىي غىزايىمىز. ئۆزى كۈچلۈك غىزا. پۈتۈن بەدەنگە قۇۋۋەت قىلىدۇ. بىز ئاتىلا ئىچكىنىمىزگە شۈكرى قىلىمىز ۋە ئىپتىخارلىنىمىز. سىلىنىڭ پەدەر رەھمىتىمۇ ئاتىلا ئىچكەن، شۇنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزلىرىنى ئاپىرىدە قىلغان. بۇنىڭغا يەنە نېمە دەيدىلا! بىز تېخى سىلىنىڭ يوغان قورساقلىرىدا ئىلىم-ئىرفان بارمىكىن دەپ يۈرۈپتۇق. بۈگۈن مەلۇم بولدىكى، سىلىنىڭ قورساقتا ئىرفان ئەمەس، بەلكى مەينەت چىرىندىلەر تولغان ئىكەن، بۇنى ئاشكارە قىلىپ نېمانچە رەسۋا بولىلا! --- بەس… بەس، --- دېدى ئىسلام قازى. بۇ ئىككى ئۆلۈمانىڭ بارغانچە چىڭقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئوتتۇرىغا چۈشتى، --- ئابدۇقادىر داموللىنىڭ دېگەنلىرى توغرا. خەلقنىڭ غېمىنى قىلىش، يۇرتنىڭ ئىستىقبالىدىن قايغۇرۇش زىيانلىق ئىش ئەمەس. بىز ئۆلۈمالار ئەلۋەتتە مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەك! داموللا ئابدۇغوپۇر، غەزىپىنى بېسىۋالالماي، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئات قامچىسىنى ئالدى-دە، تاشقىرىغا قاراپ ماڭدى. ئىسلام قازى سۆزىنى بۇراپ: --- خوش تەقسىر، نەگە؟ --- دەپ سورىدى. --- خوش، مەن دوتەي يامۇلىغا بېرىپ كېلەي! --- دېدى ئابدۇغوپۇر داموللا. ئۇ ئاچچىقىدا چىقىپ كەتتى. باشقا قازىلار لام-جىم دېمەي سۈكۈت ئىچىدە قالدى. --- بولاپتۇ! چوڭ بولسا دوتەينىڭ ئالدىغا بارار! --- دېدى ئابدۇقادىر داموللا پىسەنت قىلماي، --- بىزنى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن ۋە ئاش-نان بېرىپ بېشىدا كۆتۈرۈۋاتقان ئەل-يۇرتنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئۆشرە-زاكات، سەدىقە-ئېھسانلار ھەق جايىنى تاپمىدى. ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ يانچۇقىغا چۈشۈپ زايە بولماقتا. ئەگەر بىز بۇ مەبلەغلەرنى ھەق جايىغا سەرپ قىلىپ، ئۆز بالىلىرىمىزنى تەربىيە قىلساق، بۇنىڭ نېمە زىيىنى؟ يۇرتىمىزنى تەرەققىياتقا باشلىساق نېمە يامىنى؟ يۇرتىمىزدا مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن پەرزەنتلىرىمىز ئاچ-يلىڭاچلىق ئازابىنى چەكمەكتە. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇداخىلىچىلەرنىڭ قوينىغا ئاتماقتا. بىز بۇنىڭ ئالدىنى توسماي بولامدۇ؟ بىزمۇ ئەزەلدىن قاۋۇل خەلق ئىدۇق. پامىردىن تاكى ئۇزاق ئالتايغىچە چادىر-بارىگاھ قۇرغان ئىدۇق. ئەپسۇسكى جاھالەت، نادانلىق، بىخۇتلۇق، ئىتتىپاقسىزلىق، كۆرەلمەسلىك، مەنمەنلىك، شەخسىيەتچىلىك بىزنى گۇمران قىلماقتا. ئەلۋەتتە ئويلاپ كۆرەيلى، ئۇنداق قىلمايلى! خەير-خوش، مەن كەتتىم. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئابدۇقادىر داموللا قازىخانىدىن چىقىپ كەتتى. قالغان قازىلار بېشىنى تۆۋەن سالغان پېتى بىر ھازا جىم ئولتۇرۇشتى. ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ بىر-بىرىگە قاراشتى. --- بۇ ئاۋارىچىلىقنى كۆرسىلە! --- دېدى قازىلاردىن بىرى. --- خەپشۈك! --- دېدى يەنە بىر قازى. --- ئۇنداق دېگىلىمۇ بولمايدۇ، --- دېدى ئىسلام قازى، --- ھەرقانداق ئىش خۇدانىڭ تەقدىرىگە باغلىق، بۇ ئادەمنىڭ دىلىغا بۇ ئۇلۇغ قايغۇنى خۇدا سالغان ئىكەن، شۇنىڭ زارىنى قىلماي ئامال يوق!... --- ئۇ ئۇلۇغ-كىچىك تىندى

6

ئۆمەر باينىڭ ئەنجان رەستىسىدىكى كانتۇر ھويلىسى گەرچە تارراق بولسىمۇ، ھەشەمەتلىك ئىدى. نەقىشلەنگەن تۈۋرۈكلەر، ئويما گۈللۈك گارنىزلار ھويلىنىڭ ھۆسنىنى تولىمۇ ئاچقان ئىدى. تەشتەكلەردىكى ھەر خىل گۈل، قەپەزلەردىكى شاتۇتلار، ئۆز يارىشىقىدا رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئۆمەر باي بۇ كېچە نەزەرباغدىكى ھويلىسىغا قايتماي شەھەردە بولغان ئىدى. ئەتىگەنلىكتە بامداتنى ئۆيدە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، كانتۇر ئالدىغا كېلىپ، ناشتىغا چاي كەلتۈرۈلۈش ئارىلىقىدا تەسۋىي سېرىپ دۇئا ئوقۇش بىلەن بەنت ئولتۇراتتى. بىردىنلا ھويلا دەرۋازىسىنىڭ ھالقىسى تاراقلاپ، ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇزدى. خىزمەتكار بالا دەرھال بېرىپ ھويلا دەرۋازىسىنى ئاچتى، ھويلىغا ئابدۇرېھىم بايۋەچچە باشلىق 3 كىشى كىرىپ سالام بەردى. ئۇلار دەرھال ئۆمەر بايغا قول بېرىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن كانتۇرنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتى ۋە قىسقا قىلىپ ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن، ئابدۇرېھىم بايۋەچچە سۆز ئاچتى: --- بۈگۈن كېچە شەھەر ئوڭتەي-توڭتەي بولۇپ، ئادەمنى پاراكەندە قىلىدىغان بىر ئىش بوپتۇ. --- نېمە ئىش بوپتۇ؟ توپان بالاسى كەلمىگەندۇ؟ --- ئۆمەر باي بىخەۋەر بولغاچقا بىخىرامان سوراپ قويدى. --- توپان بالاسىدىن كەم ئەمەس! --- دېدى ئابلىراخۇن باي. --- ھە، نېمە گەپ؟ --- كېچە داموللام ئۆز تالىپلىرىنى باشلاپ بېرىپ شىۋىت دوختۇرخانىسى ئاچقان مەكتەپنى، ئۇنىڭ مەتبەئەلىرىنى چېقىپ تاشلاپتۇ! --- نېمە؟ --- ئۆمەر باي سەل جىددىلىشىپ، رەڭگى ئۆزگەرگەن ھەم كۆزلىرى چەكچەيگەن ھالدا سورىدى، --- قايسى داموللا؟ --- قايسى داموللا بولاتتى! بىزنىڭ ئابدۇۋارىسچۇ! --- ھە، داموللا قادىرمۇ؟ مەكتەپ قەيەرگە تاقىشىپتۇ؟ --- شۇنى دېمەملا؟ --- دېدى ئابدۇرېھىم بەيۋەچچە. --- قەشقەرگە سىغمايۋاتقىنى، ئۆزىچە مەسلەك مەستانىسى بولۇپ، بۇرغۇسى تۇتۇپ نېمە قىلىشنى بىلمەي كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيۋاتقىنى، --- دېدى ئابلا ئاخۇنباي جىددى ئاھاڭدا، --- بىزغۇ مەيلى، ئىنگلىز-شىۋىتلەرگە مۇشت كۆتۈرگىنى قاملاشمىدى. ئۇ خەق بىزگە نېمە يامانلىق قىلدى؟ شۇنچە يىراق جايلاردىن كېلىپ، قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىۋاتىدۇ. بىززە ۋاپاغا جاپا بارمۇ دېسە بىرگە ئىككى دېسەك قاملىشامدۇ؟ بۇ راسا ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. ئۇ خەقنىڭمۇ ئەلۋەتتە كۆڭلى بار. ئەگەر ئاچچىقى كېلىپ قالسا، تاماشانى شۇ يەردە كۆرسەك بولىدۇ. بىزنىڭ پۈتۈن جان تومۇرىمىز شۇ خەقنىڭ قولىدا ئەمەسمۇ؟ --- ئەستاغپىرۇللا!... --- ئۆمەر باي ساقىلىنى تۇتاملاپ سىيرىپ، دەرقەم ئولتۇرغان بايلارغا قاراپ تىترەپ دېدى، --- بۇ داموللا تاۋاقنى چېقىپ قويۇپتۇ-دە! ھويلا ئىشىكىنىڭ ھالقىسى يەنە تاراقلىدى. خىزمەتكار بېرىپ ئاچقاندىن كېيىن، ھويلىغا مامۇت بەگ كىرىپ كەلدى. بۇ ئادەمنىڭ قوشۇمىسى دائىم تۈرۈكلۈك بولغىنى ئۈچۈن مامۇت خاپىلىق دەپمۇ ئاتىلاتتى. ئۇ كىرىپلا: --- سەھەر بېرىپ ھەسەن شىۋىت بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇ كىشى قاتتىق كايىدى. كاللىسى قېتىپ، ئىشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار دەپ بېشىنى چايقاپ قالدى… --- ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ، --- دېدى ئابدۇرېھىم بايۋەچچە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، --- قەشقەر بايلىرىنىڭ تۈمەن سەر يىپەكلىرى، تۈمەن-تۈمەن تېرە-ئۈچەيلىرى، مىڭلاپ زىلچا-گىلەملىرى ئۇ خەقنىڭ قولىدا تۇرۇۋاتسا، ئۇلار شۇ ماللارنىڭ بەدىلىگە بىزگە مەنپەئەت بېرىۋاتسا، بىز قەشقەرلىك تۇزۇڭنى ئىچىپ تۇزلۇقۇڭنى چاقاي دېسەك قاملىشامدۇ؟ بولىدىغان ئىش بولدى. ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ --- ئۆمەر باي قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئەقىل سورىغاندەك سوئال قويدى. --- ياخشىسى ئىنگلىز كونسۇلخانىسى بىلەن شىۋىت كونسۇلخانىسىگە بېرىپ ئۆزرە ئېيتىشىمىز كېرەك، --- دېدى بىرسى. كۆپچىلىك بáشلىرىنى لىڭشىتىپ تەستىقلاشتى. ئۆمەر باي، ئابدۇرېھىم بايۋەچچە باشچىلىقىدا ئونغا يېقىن چوڭ-چوڭ بايلار نوبېشى كوچىسى بىلەن سەمەن تەرەپكە چىقىپ شىۋىت كونسۇلخانىسىگە كىرگەندە ئۇلارنى كونسۇل خادىملىرىدىن بىرى كۈتۈۋالدى. بايلارنىڭ كېلىش مەقسىتىنى سورىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ھويلىدا قالدۇرۇپ، ئۆزى ئىچكىرى كىرىپ كەتتى. بايلار ھويلىدا 10 مىنۇت ساقلىغاندىن كېيىن، ھېلىقى خىزمەتچى چىقىپ كونسۇلنىڭ مېھمان قوبۇلخانىسىگە تەكلىپ قىلدى. بايلار مېھمانخانىگە كىرىپ ئۆز ھۆرمىتى بويىچە ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ھېلىقى خىزمەتكار بايلارغا قاراپ تەۋەززۇلۇق بىلەن ئىزاھلىدى: --- جانابى كونسۇل مۇھىم ئىش بىلەن بەنت بولغانلىقتىن ھەرقايسىلىرىنى 10 مىنۇت ساقلىتىپ قويغانلىقىدىن خىجالەت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. --- يوغۇسۇ، يوغۇسۇ… ئون مىنۇت دېگەن ھېچقانچە گەپ ئەمەس، --- دېدى بايلارنىڭ ھەممىسى. بايلار لۆم-لۆم ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇشتى، بەزەنلىرى پاپىرۇس چېكىشتى. تاماكىنى چوڭ-چوڭ تارتىپ، ئۇزۇن-ئۇزۇن تۈتۈن پۈۋلەشتى. بۇ چاغدا ھېلىقى خىزمەتكار يەنە سۆزلەپ: --- ئادەتتە جانابى كونسۇلنىڭ ئىشى ئانچە كۆپ بولمايتتى، --- دېدى كۈلۈمسىرەپ، --- بەزەن شۇنداق جىددى ۋاقىتلاردا ئىشى ئالدىراش بولۇپ قالىدۇ!... بايلارنىڭ يۈرەكلىرى جىغغىدە سىلكىندى. ئۇلارنىڭ خىيالى دەرھال ئابدۇقادىر داموللىنىڭ قىلغان ئىسيانىغا بېرىپ تاقالدى. بەلكى داموللىنىڭ قىلغان ئىشى جىددى ئىش بولغانلىقتىن كونسۇل بۇ ئىشنى ئۆز ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىۋاتسا كېرەك، دېگەن ئويغا كېلىشتى-دە، پۈتۈن ۋۇجۇدىغا تىترەك ئولىشىپ، كۆز ئالدىلىرىدىن يىپەكلەر، ئۈچەيلەر، تېرە، زىلچا-گىلەملەر ۋە باشقا قىممەت باھالىق ماللار ئۆتۈشكە باشلىدى. ھېلىقى خىزمەتچى بايلارنىڭ روھىي ھالەتلىرىنى سىنچى كۆزلىرى بىلەن بايقاپ چۈشەنگەندىن كېيىن ئىچكىرى كىرىپ كەتتى. ئارىدىن 5 مىنۇت ئۆتۈپ جانابى كونسۇل چىقىپ مېھمانلارنى قوبۇل قىلدى. كونسۇل كىرگەندە بايلار دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈردى. كونسۇل ئۇيغۇر تىلىغا كامىل ئىدى: --- مەرھەمەت! مەرھەمەت! ئۆمەر باي، ئابدۇرېھىم باي، مامۇتخان باي، مەرھەمەت! --- كونسۇل بېشىنى لىڭشىتىپ ھەربىر كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئالاھىدە ئىلتىپات كۆرسەتتى ۋە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. بايلار مەمنۇنىيەتلىك بىلەن جاي-جايىدا ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن، ئامانلىق سوراشتى. ئاندىن ئۆمەر باي ئورنىدىن تۇرۇپ بايلارغا ۋاكالىتەن ئۆزرە ئېيتتى: --- كېچە بىزنى غەپلەت ئۇيقۇسى بېسىپتۇ. شەھىرىمىزدە كىشىنىڭ دىلى رەنجىگۈدەك، زەردىسى قاينىغۇدەك ئېغىر ۋەقە يۈز بېرىپتۇ! بۇ قەشقەرنىڭ ئىشى ئەمەس، ئايرىم ئىسيانكارنىڭ قەبىھلىكىدىن بولغان. بۈگۈن ئەتىگەن ئاڭلاپ ھەممىمىز قاتتىق رەنجىدۇق… جانابى كونسۇل ئە…پەن…دىم… --- ئولتۇرسىلا باي… دىل رەنجىگۈدەك ئىش ئەمەس، --- دېدى كونسۇل ئوچۇق چىراي كۆرسىتىپ، --- ئولتۇرسىلا، مەرھەمەت، بۇ بىر كىچىك ئىشقۇ! ئۇلۇغ مەريەم ئانىمىزنىڭ ۋاپادارلىقىنى نامايان قىلىش يولىدا ياخشى نىيەت بىلەن ئىش قىلدۇق. ئەگەر ھەرقايسىلىرى بىزنىڭ يۇرتىمىزغا بېرىپ بىز قىلغان ياخشى ئىشلارنىڭ ئوندىن بىرىنى قىلغان بولۇشسىلا بىزنىڭ خەلقىمىز ھەرقايسىلىرىنى باش ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرگەن بولاتتى. چۈنكى بىزنىڭ خەلقىمىز ياخشى ئىش، ياخشى نىيەتنى چۈشىنىدۇ… --- شۇنداق، شۇنداق! --- دېيىشتى بايلار. --- بىز قەشقەردن بۇنداق جاۋاب بولار دەپ ھېچقاچان ئويلىمىغان ئىدۇق، --- دېدى كونسۇل سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ. --- بەك سەت بولدى، بىز ھەممىمىز كۆپ خىجالەت بولدۇق. --- خىجالەت بولغىدەك ئىش ئەمەس، --- دېدى كونسۇل چىمچىلاق قولىنىڭ ئۇچىنى كۆرسىتىپ، --- تولىمۇ كىچىك ئىش. لېكىن بىز ياۋروپالىق يوغىنايدىغان ھەرقانداق جاراھەت، ھەرقانداق ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ دەسلىپىدە كىچىك نەرسىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز. شۇڭا داۋالاش قائىدىسى بويىچە ھەرقانداق كىچىك ئالامەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. كېسىپ تاشلاشقا تېگىشلىك بولسا ئۇنىڭغا ئاغرىنىپ تۇرماستىن كېسىپ تاشلاپ، كىشىلەرنى كېيىنكى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىمىز. بۇ بىزنىڭ داۋالاش ئۇسۇلىمىز. كېچە پەيدا بولغان ۋەقە مۇشۇ قىسمەتتىكى ئىشلارغۇ! ھەرقايسىلىرى قەشقەرنىڭ بايلىرى، قەشقەرنىڭ كۆزى، قەشقەرنىڭ يۈزى، گۈل تاجىسى ئوخشاش. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىش سەت بولىدۇ دېگەن ھېسسىيات بىلەن بىزگە ئۆزرە ئېيتىپ كېلىشىپلا. مەن بۇنى چۈشەنگەن يەردە، ھەرقايسىلىرىمۇ چۈشىنىشلىرى كېرەك. ئۇيغۇرلاردا “ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا” دەيدىغان بىر تەمسىل بار، بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزى بىر ئىللەت، ئۇنىڭ دەۋاسىنى يەنە ئۆزلىرى قىلىشىدىلا، بىز ئۆز ياخشىلىقىمىزنى ھەرگىز توختىتىپ قويمايمىز… بايلار ئېگىلىپ خۇش ئېيتىپ چىققاندىن كېيىن، ئىنگلىز كونسۇلخانىسىگە بېرىپ ئۆزرە ئېيتتى. ئىنگلىز كونسۇلى قوبۇلخانىدە مۇنداق دېدى: --- ئەتىگەنلىكتە ۋەقەنى ئاڭلاپ قاتتىق ئەپسۇسلاندىم. قەشقەردە مۇشۇنداق بولۇشىنى ئەسلا كۈتمىگەن ئىدىم. --- راست-راست، --- دېيىشتى بايلار، --- ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن ئىش ئىدى. ئاجايىپ قوپال ئىش بولدى-دە! --- ئابدۇقادىر داموللا بەلكى پىلغا مۇشت ئاتماقچى بولغاندۇر، بۇنىڭ بىلەن ئۇلۇغ ئىمپېرىيە ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. داموللا كۆپ جايلارغا بارغان بولسىمۇ، ئەقىل تاپمىغان، دۇنيانى چۈشەنمىگەن. دۇنيانىڭ تىزگىنى كىمنىڭ قولىدا، تەقدىرى كىمنىڭ ئىلكىدە، بۇنىڭدىن زەررىچە ساۋادى يوق. ۋەقە گەرچە كىچىك بولسىمۇ، تەسىرى يامان! بۇ ئىشنىڭ بەختسىز ئاقىۋەتلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلغاندا شەخسەن ئۆزۈمنىڭ قورققۇسى كېلىدۇ، --- دېدى كونسۇل سۈرلۈك قىياپەتتە. --- دەرۋەقە شۇنداق، كونسۇل جانابلىرى، بۇ ۋەقە بىزنى جىق تەشۋىشكە سالدى، --- دېدى ئۆمەر باي. --- ئابدۇقادىر داموللا قەشقەر مەنپەئەتنى بىلەن ھېسابلاشمىغان. قەشقەرنىڭ جان تومۇرى قەيەردىن ئوزۇقلىنىۋاتىدۇ، بۇنى قىلچە چۈشەنمىگەن. لېكىن ھەرقايسىلىرى ياخشى چۈچىنىشىدىلا، ئانچە ئەندىشە قىلىشمىسىلا! ئىش ئوڭشىلىپ قالىدۇ! --- دېدى كونسۇل كۈلۈمسىرەپ. بايلار بۇ يەردىنمۇ خوشلىشىپ يېنىپ چىقىشتى

7

مامۇت بەگ ئىچكىرىكى مېھمانخانىسىدا ھەسەن شىۋىت بىلەن داستىخان ئۈستىدە چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ سۆھبەتلەشمەكتە ئىدى. --- جانابىي كونسۇل ئەپەندىنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلگەنلىكىنى تېخى ئۇچراتمىغانىدىم، --- دېدى ھەسەن شىۋىت قولىدىكى پىيالىنى ئوينىتىپ، --- بۇ ۋەقە چىققاندىن كېيىن قوشۇمىسىنى تۈرگەن پېتى خىيال سۈرۈپ بىرھازا تۇرۇپ كەتتى. ئاندىن گەپ قىلماستىن ئۆينىڭ ئىچىدە ماڭغىلى تۇردى. ئۇنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ ھېچگەپ قىلالمىدىم. --- ئەلۋەتتە خاپا بولغاندۇ، --- دېدى مامۇ خاپىلىق قوشۇمىسىنى تېخىمۇ تۈرۈپ، --- ئەگەر مەنىڭ دۇكىنىمنى بىرەر ئادەم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان بولسا، قان بولۇشۇپ كەتمەمدىمەن، يا ئۇ يان، يا بۇ يان بولۇشۇپ كېتىمەن-دە! كونسۇل ئەپەندىم ھېلىمۇ ئانچە خاپا بولماپتۇ. --- جانابى كونسۇل بىرھازادىن كېيىن بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ، ھەرە ئۆز كۆنەلگىسىنى ئۆزى ساقلايدۇ! --- دېدى-دە، ئارتۇق گەپ قىلماي ئۆيىگە چىقىپ كەتتى. بۇ گېپىنى خېلى ئويلاپ كۆرگەن بولساممۇ مەنىسىنى يېشەلمىدىم. --- گەپنىڭ ئۆزى مەنىسىز گەپ ئەمەس، --- دېدى مامۇت بەگ. --- ئەلۋەتتە جانابىي كونسۇل مەنىسى يوق گەپنى قىلمايدۇ. مامۇت بېگىممۇ ئويلاپ كۆرسۇن. زادى بۇ سۆز قانداق مەنىدە ئېيتىلدى؟ --- قەشقەرلىك ھەرىكەتكە كېلىپ ئۆز قەشقىرىنى ساقلىسۇن، دېگەن مەنىدە سۆزلىگەندۇ؟ --- نۇرى ئەلانۇر، --- دېدى ھەسەن شىۋىت مامۇت بەگنىڭ دولىسىغا قېقىپ، --- مېنىڭ مۇلاھىزەممۇ شۇ ئىدى. قەشقەرلىك ئۆز شەھىرىنى ئۆزى ساقلىمىسا، كىم ساقلاپ بېرەتتى؟ مەن يەنە شۇنى قىستۇرۇپ قويغۇم كېلىدۇكى، ئاتىسىغا يول قويغان سودىگەر پايدا تاپالمايدۇ. بۇنى ئوبدان چۈشىنىلا، قەشقەردە باي، سودىگەر تولا. بۇلارغا پايدا كېرەك، پايدا ھىندىستانغا باغلىق. تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئۇلۇغ برىتانىيىگە باغلىق، برىتانىيە ئىمپېرىيىسى خاپا بولغان كۈنى قەشقەرنىڭ ھاياتى يوق دېگەن سۆز. خاپىغۇ بولماس، ناۋادا خاپا بولۇشنىڭ ئورنىغا قاپىقىنى تۈرۈپ قېشىنى ھىمىرىپ قويغان كۈنى ئۆمەر باي، ئابدۇرېھىم بايلارنىڭ پايدا-مەنپەئەتلىرى قانداق بولار؟ ئۇلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش، يامبۇ يۈكلىگەن خېچىرلىرى پامىر يوللىرىدا قايسى ھاڭغا دومۇلاپ كېتەر؟ ئۇنداق بولغان كۈنى ئۆمەر بايمۇ راۋاپ كۆتۈرۈپ دىۋانىچىلىق قىلىشقا مەجبۇر بولمايدۇ دېگىلى بولامدۇ؟ بۇ تەسەۋۋۇرنى قەشقەر بايلىرى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەندىمۇ؟ --- ئەلۋەتتە شۇنداق، ئەلۋەتتە شۇنداق! --- ئاتىسىغا يول قويغا سودىگەر پايدا تاپالمايدۇ، دېگەننى قايتا ئەسكەرتىپ قويۇشۇمدىكى سەۋەب، ئابدۇقادىر داموللا بايلارنىڭ ئاتىسى ئەمەس. ئەگەر ئاتىسى بولغان ھالەتتىمۇ يول قويماسلىقى لازىم-دە… --- دېدى ھەسەن شىۋىت سۈرلۈك قىياپەتتە. --- سۆزنى ئىككىمىز قىلىشىۋاتىمىز، --- دېدى مامۇت بەگ ئاۋازىنى سەل پەسەيتىپ، --- بايلارنىڭمۇ كۆڭلىگە پۈككەن يېرى بار، ئەلۋەتتە… --- بارىكاللا! ئىشلىرىڭىز نۇر ئەلانۇر. مامۇت بەگ تېتىك قەدەم تاشلاپ ئۆيىدىن چىقىپ ئانچە ھايال بولاميلا زور گەۋدىلىك بىر ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ كىردى ۋە بۇ مېھماننى تونۇشتۇرۇپ: --- ئەتىگەندىن بېرى تونۇشتۇرغان دىۋە يۈرەك پالۋانىمىز مانا شۇ كىشى، ئىسمى ھېلىم مەزىن ئاخۇنۇم!... --- بارىكاللا، مەن ئاڭلىغان، قولىدىن ئىش كېلىدىغان باتۇر ئادەم، مەرھەمەت، ئولتۇرۇڭ. --- مامۇت بەگ بىر پىيالە چاي تۇتتى. ھېلىم مەزىن چاي ئوتلاۋاتقان چاغدا مامۇت بەگ ئورنىدىن تۇرۇپ داراڭلىتىپ يوغان ساندۇقنى ئاچتى-دە، سامان قەغەزگە ئورالغان 6 يۆگەم تەڭگىنى ۋە بىر دانە خەنجەرنى ئالدى-دە، داستىخاننىڭ بىر بۇرجىكىدە قىزىرىپ، --- ئۇنداق بولسا تاغا، باشتا قىلىشقان گېپىمىز گەپ، ۋەدىمىز ۋەدە بولسۇن. مانا بۇ 300 سەر تەڭگە، بىر دانە خەنجەر، بۇ خەنجەر ئۆز يېرىمىزدە سوقۇلغان ئەمەس، زاۋۇتتىن چىققان، ھەرقانداق ئىشقا يارايدۇ. ھېلىم مەزىن ئوراقلىق تەڭگىلەرگە، پوكاندەك قىزارغان بىشارىسى، قىزارغان كۆزلىرى بىلەن تەلمۈرۈپ قارايتتى. --- قېنى ئېلىڭ، قالغان ئىش ئۆزىڭىزدە قالدى، ئېلىڭ تەڭگىلەرنى. ھېلىم مەزىننىڭ يۇڭ باسقان قوللىرى تىترىگەن ھالدا تەڭگىلەرنى ئېلىپ بەلۋاغقا چىگدى. ئاندىن خەنجەرنى قولغا ئېلىپ، ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراپ قويدى. --- ئۇنداق بولسا خەير-خوش!... --- خۇدايىم بۇيرۇسا ھەرقايسىلىرىنىڭ تاپشۇرغان ئىشىنى جان-تېنىم بىلەن ئادا قىلغايمەن!... خەير،--- دېدى ھەلىم مەزىن. مامۇت بەگ ھېلىم مەزىننى ھويلىدىن چىقىرىپ ئۇزىتىپ قويدى. ھېلىم مەزىننىڭ گەۋدىسى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە چاپسانلا كۆزدىن غايىپ بولدى… بۈگۈن باشقىچە تاڭ ئاتتى. ئاسماننى كۆڭۈلسىز تۇمان قاپلىغان. ھاۋانىڭ قانداقتۇر كۆڭۈلنى خىرەلەشتۈرۈدىغان تەبىئىتىگە يارىشا قانداقتۇر دەھشەتلىك ۋە مەشئۇم خەۋەرمۇ تارقالغان ئىدى. قەشقەر شەھىرى ئىچىدىكى يۈزلىگەن مەسچىد جامائەتلىرى، ئونلىغان مەدرىسلەردىكى تالىپلار، شەھەر ئاھالىلىرى، سودىگەرلەر، قول ھۈنەرۋەن كاسىپلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنىڭ ھەممىسى بۇ مەشئۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ، گويا قىيامەت قايىم بولغاندەك، گويا قۇياش كۆچۈپ پايانسىز كائىنات بوشلۇققا ئېقىپ كېتىپ جاھان زۇلمەت ئىچىدە قالغاندەك، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بۇ زۇلمەت جاھاننىڭ بىر بۇلۇڭىدا قاراڭغۇلۇقتا قالغاندەك باشقىچە تۇيغۇدا، توۋا، توۋا! دېيىشمەكتە. قانداقمۇ قولى بارغاندۇ؟ قانداق دەيۈز قارا قورساق شۇنداق قىلغاندۇ! خۇدالىق ئالەم ئەمەسمۇ؟ ئالىمنىڭ ئۆلگىنى ئالەمنىڭ ئۆلگىنى ئەمەسمۇ؟ توۋا، توۋا! دېيىشەتتى. ئومۇمەن ئادەملەر قاتتىق ھەسرەت ئىچىدە ئازاب چەكمەكتە ئىدى. بۇ خەۋەر يېزىلارغىمۇ پۇر كەتتى. قوغان، سەمەن، نەزەرباغ تەرەپلەردىن، توققۇزاق، بەشكېرەم، ئاتۇش، پەيزاۋات تەرەپلەردىن توپ-توپ خەلق شەھەرگە ئاقماقتا ئىدى. بۈگۈنكى ماتەم پۈتۈن يۇرتنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن ئالەمنىڭ قايغۇسىغا ئايلاندى. ئۇلۇغ ھېيتگاھتا ئۈستىدە كىمخاپ يوپۇق يېپىلغان جىنازا خەلق دېڭىزى ئىچىدە گويا كارابتەك ئۈزمەكتە. خەلقنىڭ مۇڭ-زارى، نالە-پىغانلىرى ئاسمان-پەلەك كۆتۈرۈلمەكتە. سەللىلىكلەر، ئۇزۇن تونلۇقلار، مىڭلىغان تالىپلار، پەرەنج يېپىنغان ئاياللار، كۇلا كەيگەن دەرۋىشلەر، ساپايىچىلار، مەدداھلار، راۋابچىلار، ئىشقىلىپ ھەممە جاھان ياش تۆكۈپ قان يىغلىماقتا. ناماز چۈشۈرگەندە، ھېيتگاھنىڭ ئىچى-تېشى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى. ناماز چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن قۇتلۇق شەۋقى تەرىپىدىن يېزىلغان مەرسىيىمۇ قوئۇلدى. مىڭلىغان تالىپلار قوللىرىغا ھاسا ئېلىپ تۇماقلىرىنى تەتۈر كىيىپ، ئاھ ئىسىت، ۋادەرىخ دەپ يىغلاپ تەزىيە شېئىرى ئوقۇدى

قەشقەردە داموللا ئابدۇقادىر ناھەق كەتتىلەر، قالدىلەر ياش باللا، ھاممام ئاستىدا ك ئۈلدە ياتۇرلەر

ئايرىلدۇق يۇلتۇزدەك كاتتا ئالىمدىن ئەي مۇسۇلمانلار، ئالىمنىڭ ئۆلگىنى ئالەمنىڭ ئۆلگىنى ئويلا ئىنسانلار

ئويلىماي قول سالدى قاشقىرلار كەبى دەيۈز قاتىللار، قالدۇق بىز ھەسرەتتە بەك ئېغىر كۈنگە

ئاسماندىن ياغدى قان بولغان بۇ ئىشقا تاقەت قىلالماي، ئاقتى قان دەريالار بۇ پالاكەتتىن قايناپ تاشقىنلار

ئاھ ئىسىت، ۋادەرىخ ئايرىلدۇق ئەجەب پىرۇ ئۇستازدىن، يىغلايمىز ئۆلگىچە داغۇ-ھەسرەتتە جىمى تالىپلار

ياشىمىز قاپلىسۇن توپان سۈيىدەك يەر ۋە جاھاننى، ئاھىمىز قاپلىسۇن ئاسمان قەھرىنى چىقسۇن بورانلار

ئەمدى بىز قەشقەرلىك تاپماي قويمايمىز ياۋۇز قاتىلنى، دەھشەتلىك كۈلپەتكە زەردىمىز تاشتى قايناپ ۋىجدانلار

تالىپلارنىڭ تەزىيە ساداسى، يۈزلىگەن دەرۋىشلەرنىڭ دەۋرى ساماسى، مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ نالە-پەريادى، قانلىق كۆز ياشلىرى ئىچىدە ۋەتەنپەرۋەر ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقەرىنىڭ جەسىدى 1924-يىلى (ھىجىرىيە 1343-يىلى) يەرلىككە دەپنە قىلىندىلەر. ئابدۇقادىر داموللام ۋاپات بولۇپ 10 يىل ئۆتكەن 1934-يىلى مەن قەشقەرگە بارغىنىمدا “قەشقەردە داموللا ئابدۇقادىر ناھەق كەتتىلەر” دېگەن بۇ تەزىيە شېئىرى ئېيتىلىدىكەن، ئۇنى ھەتتا كوچىلاردىكى، ئائىلىلەردىكى ئۇششاق بالىلارمۇ بىلىدىكەن، مەن شۇ چاغدا ئاڭلىغان، ئاھاڭلىرى، قىسمەن بىيىتلىرى ھازىرغىچە ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. شۇ يىللاردا قەشقەردە راۋاپچىلاردىنمۇ، ئاقسۇ، كۇچا تەرەپلەردىمۇ شۇ قىسمەتتىكى قوشاقلارنى ئاڭلىغان ئىدىم


تاغلار-تاشلار تەۋرىنىپ، قاتتىق چاقماق چاققانمۇ؟ دەريا سۈيى قان بولۇپ، بۈگۈن تەتۈر ئاققانمۇ؟

قەشقەرنىڭ ھاۋاسىنى، چاڭ-تۇمانلار باسقانمۇ؟ قەشقەرنىڭ جاھانىنى، قايغۇ-ماتەم باسقانمۇ؟

ئاي تۇتۇلماس دەپتىمىز، كۈن تۇتۇلماس دەپتىمىز. داموللىغا دەيۈزلەر، قەست قىلماس دەپتىمىز.

قىلماق بولغان قەستىڭنى، ماڭا قىلساڭ بولمامتى؟ قولۇڭدىكى پىچاقنى، ماڭا سالساڭ بولمامتى؟

داموللا شېھىت بولدى، ياتار جايى بىھىش بولدى. داموللامغا قەشقەرلىك، كۆپ يىغلاپ بىھوش بولدى.

ئاق قۇشقاچ چۇرۇقلايدۇ، چاڭگاسىنى تاپالماي. تالىپ باللا يىغلايدۇ، داموللامنى تاپالماي.

داموللام چىراغىغا، پەرۋانە بولاي دەيمەن. ناھەق بولغان بۇ ئىشقا، دىۋانە بولاي دەيمەن.

داموللامغا قەست قىلدى، يۈزى قارا دەيۈزلەر. كۆڭلىدە چىراغى يوق، دىلى قارا ياۋۇزلار.


ئاخىرقى سۆز

«ئول ئىشنى ئاشكارا بولمىسۇن دېسەڭ قىلمىغىنىڭ ياخشى». مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرىنىڭ جەسىتى قايغۇ-ھەسرەت، ئاھ-نادامەتلەر ئىچىدە دەپنە قىلىنىپ، ئۈچ نەزىرىسى بېرىلگەن كۈنلەردىلا ھەر خىل مىش-مىش گەپلەر پەيدا بولدى. ھېلىم مەزىن دېگەن قارا قورساق قەتل قىپتۇ دېيىشتى. ئاز كۈن ئۆتمەي ئۆمەر باي باشلىق بايلار ھېلىم مەزىنگە 300 سەر تەڭگە بېرىپتۇ، دېگەن سۆزلەر پەيدا بولدى. ئۇ چاغدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ قول ئاستىدا، بايلار، چوڭ-چوڭ ئاخۇنلار كۆكلەپ يايرىغان شارائىتتا بۇ سۆزلەر ئۆزىچە بېسىلىپ قالدى. مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ناھەق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە 56 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە ( بۇ ئەسەر يېزىلغان 1982-يىلىغا قارىتا ئېيتىلغان---مۇخبىر)، خەلق ئاغزىدا «ئىنگلىز-شىۋىت كونسۇلخانىلىرىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئۆمەر باي قاتارلىقلارنىڭ 300 سەر تەڭگە سەرپ قىلىپ داموللامنى ھېلىم مەزىننىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكى ئېنىق سۆزلەنمەكتە… يازغۇچىدىن: «داموللام ئابدۇقادىرى ناھەق كەتتىلەر» دېگەن بۇ مەرسىيىنى مەن 1933-يىلى قەشقەردە ئاڭلىغانىدىم. ياش چاغلاردا ئاڭلىغان بۇ شېئىر يۈرەككە چىڭ ئورناشقان ئىكەن، ھازىرغىچە ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق. مەيلى دىنىني ئوقۇغانلار ئىچىدە بولسۇن ياكى ھازىرقى زىيالىيلار، تىجارەتچىلەر، ھۈنەرۋەنلەر ئىچىدە بولسۇن، ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرىنىڭ تەرىپىنى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئاڭلاپ كەلمەكتىمەن. بۇ زات 1924-يىلى (ھىجىرىيە 1343-يىلى) ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ئىشقا گەرچە 56 يىل بولغان بولسىمۇ، كىشىلەر بۇ پاجىئەنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ ۋاقىتلاردا قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئىنگلىز كونسۇلخانىسى، شىۋىت كونسۇلخانىسى ۋە دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ قانلىق قولى ئۆمەر باينىڭ 300 سەر تەڭگىسى، ھېلىم مەزىن دېگەن قارا قورساق پوكانچىنىڭ ۋىجدانسىز قاتىل گەۋدىسىگە بولغان لەنەت ۋە نەپرەتنى بىر كۈنمۇ ئۆچۈرۈپ قويغىنى يوق. يىراق-يىراق يېزىلاردىكى پارس، ئەرەبچىدىن ئازراقلا خەۋىرى بولغان كىشىلەر بەزەن كىتابلاردا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يازغان قىسقا رۇبائىلىرىنى كۆرۈپ تەھسىن ئوقۇيدۇ. قىزغىن مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، رۇبائىنىڭ چوڭقۇر مەنىلىرىگە قاراپ ئابدۇقادىر داموللامغا كاتتا ئۆلۈما، كاتتا ئالىم، مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ، شائىر-ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر دەپ يۇقىرى باھا بېرىدۇ. دەرۋەقە ئابدۇقادىر داموللا ئەسىرىمىزدە ئىقتىدارلىق ئالىم ئىدى. تەرەققىپەرۋەر زات ئىدى. بۇ زات قەشقەردە، بۇخارادا ۋە ھىندىستاندا ئوقۇغان. مەدنىنە، مىسىر، ئىستانبۇل، ئۇفا، قازان، تاشكەنتلەرگە زىيارەتتە ھەم ساياھەتتە بولۇپ، بىلىم ئىقتىدارىنى ئاشۇرغان ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى، ئۆز خەلقىنىڭ نادانلىق ۋە جاھالەتتە ياتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى شۇ دەۋردىكى جاھانگىرلار مىسسىئونېرلار (دىن تارقاتقۇچىلار)، مۇتەئەسسىپ بايلار، خۇراپىي ئىشان تۆرىلەر، موللىلارنىڭ ياۋۇز نىيەتلىرىدىن ئىزلەپ تېپىپ ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلغان. ئابدۇقادىر داموللا 45 يېشىدا قەشقەرگە قايتىپ كەلدى. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا قەشقەر زېمىنىگە چاڭگال سېلىۋالغان چەت ئەل قوللىرىنى كېسىپ تاشلاش، مۇتەئەسسىپ باي ۋە ئۆلۈمالارنىڭ چەت ئەل كúچلىرىگە تايىنىپ تىكلىگەن نوپۇزلىرىنى قىرقىپ تاشلاش ئۈچۈن قەتئىي كۈرەش قىلىدۇ. بىز بۇ مەقسەتنى ئابدۇقادىر داموللام ئۆز قولى بىلەن يازغان «نەسىھەتى ئاممە»دىن كۆرۈۋالالايمىز. «شانلىق يۈرۈشلىرىمىزگە خۇراپاتلىقلار ئارىلاشتى. ئىززەت-ئابرۇيىمىز قولدىن كەتتى. مۇخالىپاتچىلار (جاھانگىرلار) ۋەتىنىمىزگە قول سېلىشقا باشلىدى». دېمەك 1920-يىللىرى قەشقەردىكى ئەمەلىي ئەھۋال شۇنداق ئىدى. مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام رېئال ئەھۋالغا قارشى كۆكرەك كېرىپ، پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلدى. ئۆشرە-زاكات، سەدىقە-ئېھسانلارنى غېرىپ-غۇرۋا، يېتىم-مىسكىنلەرگە سەپ قىلىش، مەكتەپلەر قۇرۇپ ئۇلارغا تەربىيە بېرىشنى بىجانىدىل تەشەببۇس قىلدى. ئەپسۇسكى، بۇ زات يالغۇز ئىدى. ئۇنى ئۇ دەۋردىكى ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەت قوللىمايتتى. چۈنكى ئۇلار يۇرتنى جاھالەتتە تۇتۇشنى ئەۋزەل كۆرەتتى. دىنىي ئۆلۈمالارمۇ قوللىمايتتى، چۈنكى داموللىنىڭ تەشەببۇسلىرى بويىچە بولغاندا شەخس تاپاۋىتى ئازلاپ قالاتتى. ئەۋقاپتىن كېلىدىغان مەنپەئەت ئۈزۈلۈپ قالاتتى. بايلار تېخىمۇ قوللىمايتتى. چۈنكى بايلارغا نادان، بوزەك خەلق بازىرى لازىم ئىدى. ئۇلار خەلقنى بوزەك تېپىپ جىقراق پايدا تېپىشنى كۆزلەيتتى. ئابدۇقادىر داموللىدىن نۇرغۇن ئەدەبىي يادىكارلىقلار قالدى. ئۇلار «ئىرشادىل مۇسلىمىن»، «مۇپتاھىل ئەدەب»، «ئاقائىد زەرۈرىيە»، «ئىبادات ئىسلامىيە»، «بىدايەتۇل سەرپ»، «ھىدايىتى نەھۋى»، «شەرھى ئامالى» ۋە باشقىلار. ئۇنىڭ «جاۋاھىرۇل ئەيقان» ناملىق ئەسىرى ئىسلام دۇنياسىدا قىممەتلىك ئورۇن تۇتماقتا. بەزەن پەلسەپىۋىي رىسالىلەردە ئىسلام ئالىملىرى قاتارىدا بۇ زاتنىڭ تىرەن مەنىلىك رۇبائىيلىرى، شەۋقى گۈلىستان موسەۋۇرىدىكى بېغىشلىمىسى ئالاھىدە چاقناپ تۇرىدۇ. مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ھاياتى، ۋاپاتى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنىڭ ئېغىزدىن-ئېغىزغا، دىلدىن-دىلغا كۆچۈپ يۈرگىنىدىن كۆرە كونكرېتراق بولۇپ قالغىنى ياخشى ئىش. پەقەت بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىلا مەن بۇ ۋەقەلىكنى تارىخىي ئوچېرىك قىلىپ يېزىپ چىقىشنىڭ پۇرسىتىنى تاپالىدىم. كىتابخانلارنىڭ تولۇقلىشىنى كامال ئېھتىرام بىلەن ئۈمىد قىلىمەن

تامام

دىن ئېلىندى Wikipedia بۇ ماقالە ئۇيغۇرچە