قەشقەرنىڭ كۆزيېشى



喀什喀尔的眼泪

词/曲/演唱:艾斯卡尔(新疆)


我要歌谣我要唱
我要欢乐不要愁
我要看到你微笑
我要听到你鸟儿叫
虽然你有时带微笑
我却唱不出好歌谣
虽然又听到鸟儿叫
可它的林地在减少

我要雨儿你悄悄来
我要云儿快离开
我要彩虹你经常在
月儿听我唱心怀
我要歌谣我要唱
虽然有人说我狂
只有妈妈你理解我
说我心里有悲伤


قاراپ كۈندە ئولتۇرىسەن
قانداق كۈندە كۈلەرسەن؟
ئۆزۈم باغدا ئولتۇرسام
قىزىم ماڭا قارايدۇ
كۆزۈڭ نېمدەپ ياش ئالدى؟
چېچىڭ نېمدەپ ئاق بولدى؟
ئويلار نېمدىگەن جىق بولدى؟
باغلار نېىمدەپ ئاز قالدى؟

مەزكۇرناخشىنى ئۇرۇندىغۇچى پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى ئەسقەر كۆكبۆرە


تولۇق ئوقۇش

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تارىخىغا ئائىت چوڭ ئىشلار


ئىزلار: ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تارىخىغا ئائىت چوڭ ئىشلار
بىلىۋال 22-ئاۋغۇست خەۋىرى. [مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ بۈگۈنكى سانى، مۇخبىر: گۈلنار تىيىپ] مىلادىدىن 4 ئەسىر بۇرۇنلا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىلمى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولغان. ھىندىستاندا مىلادىيە 1200-يىللىرى يېزىلغان «ھەدىقەتۇل ئەفالىم» ناملىق كىتابتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: ھېكىم غازباي خوتەن رايونىدىكى «312 خىل ئوت-چۆپ دورا قامۇسى»نى يازغان، بۇ كىتابقا يۇنانلىق ئالىم ئەپلاتون يۇقىرى باھا بەرگەن.
3-، 7-ئەسرلەردە «خوتەن تېببىي تېكىستلىرى» بارلىققا كەلگەن.
8-ئەسردە خوتەنلىك مەشھۇر تېۋىپ شىراخان تۈبۈتلەر پادىشاھىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئوردا تىۋىپى بولغان، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىگە ئائىت «خوتەنلىكلەرنىڭ بويۇن زەخمىسىنى داۋالاش ئۇسۇلى» قاتارلىق 70 نەچچە كىتابنى يازغان


ماقالە مەنبەسى:بىلىۋال تورى
رەسىملەر گوگېل تورىدىن ئىزدەلدى


تولۇق ئوقۇش

شەرقىي شىنجاڭدا قار ياغدى

شىنخۇا تورىنىڭ22-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدىن ئەۋەتكەن تېلىگراممسى(مۇخبىر ماۋيوڭ)22-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇندىن باشلاپ سائەت 16:00بولغىچە(بېيجىڭ ۋاقتى)تەڭرىتېغىنىڭ شەرقىي قسىم رايۇنلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق قار ياغقان. قومۇل ۋىلايەتلىك مېترولوگىيە ئسىتانسىسىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، بۇ بۇيىل كۈز كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قار ئىكەن.

شۇ كۈنى سائەت 16:00(بېيجىڭ ۋاقتى)گىچە شەرقىي تەڭرىتېغىنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان ئاقتاش مېترولوگىيە پونكىتدىدا ئۆلچەنگەن قارنىڭ چۈشۈش قېلىنلىغى 18 مىللىمىتېرغا يەتكەن. شەرقىي شىنجاڭدىكى بارىكۆل، ئاراتۈرۈك قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغقان.شۇ جايلاردىكى مېترۇلوگىيە ئورۇنلىرىنڭ مۆلچەرلىنىشىچە،22ئاغۇست كېچىدىن 23-ئاۋغۇست كۈندۈزگىچە شەرقىي تەڭرىتاغ رايۇنلىرى،قۇمۇل بارىكۆل ناھىيىسى ۋە شەھەر ئەتراپى رايۇنلىرىدا قىراۋ كۆرىلىدىكەن، ئەڭ تۆۋەن تېمپراتورا 1 سىلسىيە گرادۇستىن 0سىلسىيە گرادۇسقىچە چۈشۈپ قالىدىكەن. زىيان كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مېترولوگىيە تارماقلىرى سېرىق رەڭلىك قىراۋ ئاگاھلاندۇرىشىنى ئېلان قىلىپتۇ.

شىنجاڭ مېترولوگىيە ئىستانسىسىنڭ كۆزىتىشىگە ئاساسلانغاندا، سانجىنىڭ شەرقىي قىسمى،تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايۇنلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، بۇغدا كۆلى رايۇنىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ،يامغۇر مىقدارى 34.4مىللىمىتېرغا يېتىدىكەن.



22-ئاۋغۇست، پادىلار تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدە قار ئارىسدىن ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جۇ جېڭخۇا تارتقان

قار بىلەن قاپلانغان دۆلەت يولى303-لېنىيسىدە كېتىپ بارغان ماشىنىلار


مەنبە:http://news.qq.com/a/20070822/003051.htm


تولۇق ئوقۇش