تور بەتنى ئاپتوماتىك يېڭىلاش



تور بەتنى ئاپتوماتىك يېڭىلاشنىڭ بىرقانچە خىل ئۇسۇلى بار،تۆۋەندە ئۇلارنىڭ بىرىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز

كودتىكى 10دېگىنىمىز 10سېكۇنتتىن كېيىن ئاپتۇماتىك يېڭىلىنىدۇ دېگەننى بىلدۈرىدۇ

كودنىڭ يېزىلىش شەكلى تۆۋەندىكىچە

<HEAD >

<meta equiv="Content-Type " content="text/html; charset=gb2312">

<meta equiv="refresh" content="10">

<title >Untitled1</title >

</HEAD>


ناۋادا مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلغان تور بەتكە كىرىدىغان قىلماقچى بولساق تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىمىز


<HEAD >

<meta equiv="Content-Type " content="text/html; charset=gb2312">

<meta equiv="refresh" content="10; url=http:bilik.cn/bbs ">

<title >Untitled1</title >


يۇقىرقى مىسالدا مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئاپتوماتىك كىرىدىغان تور بەت ئادرىسى قىزىل رەڭ بىلەن يېزىلدى.سىز ئۆزىڭىز ئۇلانما قىلماقچى بولغان ئادرىسنى قىزىل رەڭ بىلەن يېزىلغان يەرگە تولدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ


بۇ مىسالدا تور بەت 10سېكۇننتىن كېيىن ئاپتوماتىك ھالدا بىلىك كۇلۇبىغا كىرىدۇ


تولۇق ئوقۇش

خەت نۇسخىسى قاچىلاش


تولۇق ئوقۇش

توردا پۇل تېپىش ھەققىدە

پۇل تېپىشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ،توردا پۇل تېپىش دېگىنىمىز، ئاساسلىقى تور ئېلانلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق پۇل تېپىشنى كۆرسىتىدۇ
ھەممىمىزگە ئايان،تېلىۋىزورلاردا بىز تولىمۇ كۆپ ئېلانلارنى كۆرۈشكە مەجبۇر بولىمىز،تېلىۋىزىيە ئىستانسىلىرى بىزگە مەجبۇرىي كۆرسەتكەنلىكىلىرى ئۈچۈن ئېلان بەرگۈچىلەردىن ھەق ئالىدۇ.ئەمما تور دۇنياسىدا ئەھۋال ئۇنىڭغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ،بىز ئېلاننى خالىساق چېكىپ، خالىمىساق چەكمەيدىغان بولغاچقا جاھىل ئېلان بولمىسىلا مەجبۇرىي كۆرمەيمىز.شۇڭا تور دۇنياسىدا مەخسۇس ئېلان چەكتۇرىدىغان تور بەتلەر مەيدانغا كەلگەن.،يەنى ئۇلار ئېلان بەرگۈچىلەردىن مۇناسىپ ھەق ئالغاندىن كېيىن،ئېلانلارنى ئۆز تورىغا قويۇپ قويىدۇ،ناۋادا سىز ئاشۇ تور بەتلەرگە ئەزا بولۇپ ئۇنىڭدىكى ئېلانلارنى كۆرۈپ بەرسىڭىز،ئۇلار ئېلان بەرگۈچىلەردىن ئالغان ھەقنىڭ بىر قىسمىنى سىزگە بۆلۈپ بېرىدۇ.مانا بۇ توردا پۇل تېپىشتۇر
توردا پۇل تېپىشنى ئاساسلىقى ئۈچ خىل دەپ ئېيتىش مۇمكىن
ئېلان كۆرۈپ پۇل تېپىش
بۇ خىل پۇل تېپىش ئۇسۇلىدا مەلۇم تور بېكەتكە تىزىملىتىمىز ،ئاندىن ئۇ تور بېكەت بىزگە ھەر كۈنى مەلۇم مىقداردا ئېلان بىلەن تەمىنلەيدۇ، بىز شۇ ئېلان بەتلىرىنى مەلۇم ۋاقىت كۆرۈمىز ،قانچە كۆپ كۆرسەك ۋە قانچە كۆپ ئادەمنى ئېلان كۆرۈپ پۇل تېپىشقا قىززىقتۇرۇپ ،كۆپ شاخلىساق شۇنچە كۆپ پۇل بېرىدۇ
ئېلخەت ئارقىلىق پۇل تېپىش
بۇ خىل ئۇسۇلدا بىز تىزىملاتقان شىركەت بىزگە ئېلان بار ئېلخەتلەرنى يوللايدۇ،بۇ ئېلخەتلەردە بىز چېكىدىغان ئۇلىنىشلار بولىشى ياكى بىز تىزىملىتىدىغان تور بېكەتلەر بولىشى مۇمكىن، شۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىغاندىن كېيىن بىزگە ھەق ھېسابلايدۇ
تىزىملىتىپ پۇل تېپىش
نۇرغۇن تور بېكەتلەر ئۆزتور بېكىتىگە ئادەم يىغىش ئۈچۈن ئېلان بېرىپ بىر ئادەم تىزىملاتسا مەلۇم مىقداردا پۇل بېرىدىغان مۇلازمىەتنى يولغا قويغان،مەسلەن ئەگەر سىز ئىبەيگە بىر ئادەمنىڭ تىزىملىتىشىغا سەۋەبچى بولسىڭىز تەخمىنەن ئون يۈەن تاپالايسىز .تىزىملىتىپ پۇل تاپىدىغان ئېلان شىركەتلىرى بىزگە ئىبەيگە ئوخشاش ئەزا تىزىملاتقانغا پۇل بېرىدىغان بىر قانچە شىركەت ياكى تور بېكەتنى توپلاپ بېرىدۇ،مۇشۇ ئەزا بولۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىساق بىزگىمۇ مەلۇم مىقداردا پۇل كېلىدۇ، بۇنداق بېكەتلەر پۇلنى كۆپ بېرىدۇ ،ئەمما بىزنىڭ سەمىمىلىك بىلەن تىزىملاتقانلىقىمىزنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ئاز ۋاقت كېتىدۇ


تولۇق ئوقۇش

بۆرىنىڭ تاشقا ئايلىنىشى

مەن ئاچ بۆرىگە ئايلاندىم
كۆكتە يۇلتۇز ھۇۋلايدۇ
بىرى ئاقسا بىرى ئۇلايدۇ.
شامالدا يايلامنى تارىغاچ
ساڭا سەپ سالدىم .

يېىشىل ياقۇت قۇم ئۈستىدىكى
چېچىلغان، ئۇلانغان
ھەممىمىز بۆرە ئەۋلادى
چېپىلغان، ئېتىلغان.
قېلىچ ئاستىدىن كۆكلىگەن
ئات ئۈستىدە ئۈنگەن.
ئەركەك ئات تۇيىقى
لىغىرلىغان يايلاقلار
دەشتلەر
قۇملۇقلار
يۇمشاق قىز بەدەن
بويسۇندۇرۇلغۇچى.
ئۆز پادىشاھىنىڭ كاللسىنى كېسىپ ئەكەلگۈچى
ئۆز قىزىنى تەقدىم ئەتكۈچى
يالىڭاچ قالغان توقۇمىچى
تاقىسىز ئاتنىڭ ئېگىسى تۆمۈرچى
خاقان مەي ئىچكەندە
ئات كىشنىگەندە
بۆرە تەپتىدە.

__ بۆرىنى ئۆلتۈرۈڭلار!
__ مىلتىق!
__ چاپ!
__ يا، جەمشىت!!(ئوشۇق)
__ تەلەيلىك بول ئوغلۇم!
__ كۆز تەگمىسۇن!
__ قوينى كۆپەيتىش ئۈچۈن بۆرىنى يوقىتىش كېرەك!
__ قوينى كۆپەيتىش ئۈچۈن بۆرىنى قوغداش كېرەك!!
__ يايلاقنى كېسەل باستى
__ قىزلىق پەردىسى يىرتىلدى ئېكولوگىيىنىڭ!
__ ئىنسانلار، ئاگاھ بولۇڭلار!!
..............................
__ئوغۇزخان كۆك بۆرىنى كۆردى؟!
....................................
___ ئەلقىسسە،
كۆك يايلىلىق ئەركەك بۆرە باشلاپ ماڭماقتا....
باشلاپ ماڭماقتا،
<<بېشى بارلارنى باش ئەگدۈرۈپ، تىزى بارلارنى تىزلاندۇردۇق.>>


توققۇز ياشلىق بىر بۆرە
رىۋايەت ئوقۇماقتا......
ئوقۇماقتا
ھەرپلەرنىڭ ئىزناسى چوڭقۇر.
ئوقۇماقتا
شارىلداپ غۇر-غۇر
چۈنكى ئۇ رىۋايەتكە ئايلانغان
ئۇ چوقۇم تاشقا ئايلانغان
تارىم بويىدا
توغراقتەك
ئويغاقتەك


تولۇق ئوقۇش