توردا پۇل تېپىش ھەققىدە

پۇل تېپىشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ،توردا پۇل تېپىش دېگىنىمىز، ئاساسلىقى تور ئېلانلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق پۇل تېپىشنى كۆرسىتىدۇ
ھەممىمىزگە ئايان،تېلىۋىزورلاردا بىز تولىمۇ كۆپ ئېلانلارنى كۆرۈشكە مەجبۇر بولىمىز،تېلىۋىزىيە ئىستانسىلىرى بىزگە مەجبۇرىي كۆرسەتكەنلىكىلىرى ئۈچۈن ئېلان بەرگۈچىلەردىن ھەق ئالىدۇ.ئەمما تور دۇنياسىدا ئەھۋال ئۇنىڭغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ،بىز ئېلاننى خالىساق چېكىپ، خالىمىساق چەكمەيدىغان بولغاچقا جاھىل ئېلان بولمىسىلا مەجبۇرىي كۆرمەيمىز.شۇڭا تور دۇنياسىدا مەخسۇس ئېلان چەكتۇرىدىغان تور بەتلەر مەيدانغا كەلگەن.،يەنى ئۇلار ئېلان بەرگۈچىلەردىن مۇناسىپ ھەق ئالغاندىن كېيىن،ئېلانلارنى ئۆز تورىغا قويۇپ قويىدۇ،ناۋادا سىز ئاشۇ تور بەتلەرگە ئەزا بولۇپ ئۇنىڭدىكى ئېلانلارنى كۆرۈپ بەرسىڭىز،ئۇلار ئېلان بەرگۈچىلەردىن ئالغان ھەقنىڭ بىر قىسمىنى سىزگە بۆلۈپ بېرىدۇ.مانا بۇ توردا پۇل تېپىشتۇر
توردا پۇل تېپىشنى ئاساسلىقى ئۈچ خىل دەپ ئېيتىش مۇمكىن
ئېلان كۆرۈپ پۇل تېپىش
بۇ خىل پۇل تېپىش ئۇسۇلىدا مەلۇم تور بېكەتكە تىزىملىتىمىز ،ئاندىن ئۇ تور بېكەت بىزگە ھەر كۈنى مەلۇم مىقداردا ئېلان بىلەن تەمىنلەيدۇ، بىز شۇ ئېلان بەتلىرىنى مەلۇم ۋاقىت كۆرۈمىز ،قانچە كۆپ كۆرسەك ۋە قانچە كۆپ ئادەمنى ئېلان كۆرۈپ پۇل تېپىشقا قىززىقتۇرۇپ ،كۆپ شاخلىساق شۇنچە كۆپ پۇل بېرىدۇ
ئېلخەت ئارقىلىق پۇل تېپىش
بۇ خىل ئۇسۇلدا بىز تىزىملاتقان شىركەت بىزگە ئېلان بار ئېلخەتلەرنى يوللايدۇ،بۇ ئېلخەتلەردە بىز چېكىدىغان ئۇلىنىشلار بولىشى ياكى بىز تىزىملىتىدىغان تور بېكەتلەر بولىشى مۇمكىن، شۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىغاندىن كېيىن بىزگە ھەق ھېسابلايدۇ
تىزىملىتىپ پۇل تېپىش
نۇرغۇن تور بېكەتلەر ئۆزتور بېكىتىگە ئادەم يىغىش ئۈچۈن ئېلان بېرىپ بىر ئادەم تىزىملاتسا مەلۇم مىقداردا پۇل بېرىدىغان مۇلازمىەتنى يولغا قويغان،مەسلەن ئەگەر سىز ئىبەيگە بىر ئادەمنىڭ تىزىملىتىشىغا سەۋەبچى بولسىڭىز تەخمىنەن ئون يۈەن تاپالايسىز .تىزىملىتىپ پۇل تاپىدىغان ئېلان شىركەتلىرى بىزگە ئىبەيگە ئوخشاش ئەزا تىزىملاتقانغا پۇل بېرىدىغان بىر قانچە شىركەت ياكى تور بېكەتنى توپلاپ بېرىدۇ،مۇشۇ ئەزا بولۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىساق بىزگىمۇ مەلۇم مىقداردا پۇل كېلىدۇ، بۇنداق بېكەتلەر پۇلنى كۆپ بېرىدۇ ،ئەمما بىزنىڭ سەمىمىلىك بىلەن تىزىملاتقانلىقىمىزنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ئاز ۋاقت كېتىدۇ