بەخت دېگەن نېمە؟

ھەممە ئادەم بەخت ئىزدەيدۇ، ئەمما ھەمما ئادەم بەختلىك بولالمايدۇ، ھەتتا كۆپىنچىمىز بەختنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمىز، ئۇنىڭغا ئوبدانراق بىر تەبىر بېرىپ باق، دېسە تىرناق تاتىلايمىز، گەدەن قاشلايمىز.
قىسقىچە قىلىپ ئېيتساق، بەخت دېگىنىمىز كۆڭۈلنىڭ خۇشال تۇرۇشىدۇر، ئەمما خۇشاللىقنىڭ ئۆزى بەخت ئەمەس، بەلكى خۇشاللىقنىڭ داۋاملىشىشى بەخت. مەسىلەن بىر ئادەم بىر كۈننىڭ 1-2 سائىتىدە ئاجايىپ خۇشال بولۇپ، باشقا ۋاقىتلاردا دائىم غەمكىن يۈرسە ھەم بۇ خىل ھالەت ئۈزلۈكسىزلىك ھالىتىدە تۇرسا، ئۇ ئادەمنى بەختلىك دېگىلى بولمايدۇ. ئەكسىچە، خۇشاللىق ئۆزلۈكسىزلىك ھەم مۇقىم ھالەتتە تۇرسا، ئاندىن بەخت ھېسابلىنىدۇ.
بەختنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ ھەركىمنىڭ بەختكە بولغان قارىشى ئوخشىمايدۇ، بايلىق نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق، بىر باي ئۆزىنى بەخىتسىز سېزىشى، ئەكسىچە بىر گاداي ئۆزىنى جاھاندىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم ھېسابلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلاردىكى قانائەت ئوخشىمايدۇ، باي ئۆزىدە يوق نەرسىلەرنى كۆرۈپ ئۆزىنى بەخىتسىز ھېسابلىسا، گاداي ئۆزىدە ھازىر بولغان نەرسىلەرگە سۆيۈنۈپ ئۆزىنى بەختلىك چاغلايدۇ. قىسقىسى، بەختنىڭ ئۆلچىمى شەخسنىڭ ئارزۇسى بىلەن رىئاللىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر، ئارزۇ بىلەن رىئاللىق ئارىسىدىكى پەرق قانچە كىچىك بولسا، بەخت تۇيغۇسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
(بۇلار كەمىنىنىڭ يۈزەكى قاراشلىرى، قىممەتلىك پىكىرلەر ھەردەم قارشى ئېلىنىدۇ! )


تولۇق ئوقۇش