ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تارىخىغا ئائىت چوڭ ئىشلار


ئىزلار: ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تارىخىغا ئائىت چوڭ ئىشلار
بىلىۋال 22-ئاۋغۇست خەۋىرى. [مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ بۈگۈنكى سانى، مۇخبىر: گۈلنار تىيىپ] مىلادىدىن 4 ئەسىر بۇرۇنلا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىلمى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولغان. ھىندىستاندا مىلادىيە 1200-يىللىرى يېزىلغان «ھەدىقەتۇل ئەفالىم» ناملىق كىتابتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: ھېكىم غازباي خوتەن رايونىدىكى «312 خىل ئوت-چۆپ دورا قامۇسى»نى يازغان، بۇ كىتابقا يۇنانلىق ئالىم ئەپلاتون يۇقىرى باھا بەرگەن.
3-، 7-ئەسرلەردە «خوتەن تېببىي تېكىستلىرى» بارلىققا كەلگەن.
8-ئەسردە خوتەنلىك مەشھۇر تېۋىپ شىراخان تۈبۈتلەر پادىشاھىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئوردا تىۋىپى بولغان، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىگە ئائىت «خوتەنلىكلەرنىڭ بويۇن زەخمىسىنى داۋالاش ئۇسۇلى» قاتارلىق 70 نەچچە كىتابنى يازغان


ماقالە مەنبەسى:بىلىۋال تورى
رەسىملەر گوگېل تورىدىن ئىزدەلدى