نىمىشقا دەمسىز؟! بەك ئىسسىق بولۇپ كېتىپ بارىدۇ دەيمەن!! ئىسسىقتىن قورقۇپ تاقاي دەۋەتمايمەن ئۇنداق كۆزئەينەكنى، ئىسسىقتىن قورقۇپ، ھايانى يەپ كەتكەنلەرنىڭ دەستىدىن تاقاي دەيمىنا!بىلىك كۇلۇبىدا بىر چاغلاردا << ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بوپتىكەن>> دېگەن بىر شېئىرنى ئوقۇغان ئىدىم، مانا، دەل ئۈرۈمچىدە ياز كېلىپ قالدى، قىز- چوكانلار ئاچقۇدەك يەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېچىپ يۈرۈيدىغان بولدى. ئۇلار(ھەممىسى ئەمەس قىز چوكانلارنىڭ، بەزىلىرى) بەدىنىدە قانچە دانە مەڭ بار، تېرىسىنىڭ رەڭگى قانداق، قايەرلىرىنىڭ مۇسكۇللىرى ساڭگىلاپ قالغان........... ئىشقىلىپ مۇشۇنداق ئىشلارنى ( ھەتتا تاقىغان << كۆزئەينەك>>ىنىڭ رەڭگىنى) تىلسىز جاكارلاپ يۈرۈشمەكتە.... باشنى كۆتۈرۈپ ماڭاي دېسە ئەسلى، يەرگە قاراپلا ماڭاي دېسە بىرەر نەرسىگە ئۈسۈپ سالارمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيدىغان گەپ ئىكەن. شۇڭا بۇرادەرلەر، ئاشۇنداق كىيىمسىزلەرنى، يالىڭاچ چىقسام ساراڭ دەپ قالمىسۇن دەپلا ئاندا-بۇندا كىيىنىۋالغانلارنى كىيىم بىلەن، پۈتۈن ئادەم سۈپتىدە قىلىپ كۆرستىدىغان كۆزئەينەك بولسا كۆزۈمدىن ئالماي يۈرسەم!! ئاشۇنداقلار، ئىسسىق بولۇپ كەتتىيەي، ئۇيەر -بۇ يەرلىرىمىزنى ئېچىپ قويمىساق پىشىپ قالىمىزيەي، سېسىپ قالىمىزيەي، ئۆلۈپ كېتىمىزيەي دېگەنلەرنىڭ كاللىسى يوقمىدۇ، دەيمەن. ياق، ئۇلارنىڭ كاللىسى بار، ئويلىمايدۇ. بۇ يەر - يۇرتىمىز ئىسسىقما؟ ماقۇل، ئىسىىقمۇ دەپ تۇرايلى، بىراق ئىسسىىقلىق ياپ دېيىلگەن ئەۋرەتنى ئېچىپ يۈرۈشنىڭ ئۆزرىسى ئەمەس!! ئەسلا ئەمەس!! يۇرتىمىزدا ئىسسىق خېلى راۋۇرۇس بولغان بىلەن مەككە، مەدىنە قاتارلىق شەھەرلەرگە سېلىشتۇرۇپ باقايلى. ئۇلار ئەلۋەتتە ئىسسىقتىن قورقمايدۇ. ئەگەر ئىسسىقتىن قورقسا ئەلۋەتتە، ئەڭ ئاۋۋال دوزاقتىن قورققان بۇلاتتى!!ئەي قەدىردان قېرىنداشلىرىم!!! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئۆلۈمدىن خەۋپسىرەڭلار! ناۋادا بىر ئەركەك بولسىڭىز، ھەمشىرىلىڭىزگە، خوتۇن- بالىلىرىڭىزغا ئېيتىڭ، ئەۋرەتنى ياپسۇن!!(ئايال كىشىنىڭ قولى، يۈزى، پۇتىدىن باشقا ھەممە يېرى ئەۋرەت! تۈك چىقىدىغان يېرى بىلەن ئوخشاش!) ناۋادا سىز ئايال بولسىڭىز ئەلۋەتتە، ئاللاھ ھىدايەت قىلسۇن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!!! ئەۋرەتنى يېپىپ يۈرۈڭ! مەنمۇ ئانداق كۆزئەينەكنى ئىزدەپ يۈرمەي!!!!ئاللاھ ھەممىمىزگە ھىدايەت، ئىمان، ھايا ئاتا قلىسۇن!!!!2008-يىل 13-ماي، ئۈرۈمچى
تولۇق ئوقۇش